UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋى قاتناش يوللىرىيۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

زامانىۋى قاتناش يوللىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتىگە قويۇلىدىغان چەك ئادەتتىكى تاشيوللاردىكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئادەتتىكى تاشيولدا ماشىنىلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى40 ~60 كىلومېتىر بولسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا110 كىلومېتىرغا يېتىشى كېرەك. شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تېجىلىدۇ. ماشىنىلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پۇختا، چىداملىق، تەكشى، تېيىلىشتىن ساقلىنىدىغان قىلىپ ياسالغاندىن سىرت، يەنە قوش يوللۇق، كەڭ، تولۇق ھىملاشقان شەكىلدە بولىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تۆتتىن سەككىزگىچە ماشىنا يولى بولىدۇ. بۇ يوللارنىڭ يېرىمىدا ماشىنىلار ئۇياققا ماڭسا، يېرىمىدا بۇياققا ماڭىدۇ، ئارىلىقىدا4 ~6 مېتىر كەڭلىكتە «مەركىزىي ئايرىش بەلۋېغى» قالدۇرۇلۇپ كۆچەت تىكىلىدۇ ياكى بالداق ئورنىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر تەرەپتىن، ھەر خىل يوللار ئايرىۋېتىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، كېچىدە قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنا چىرىغى شوپۇرنىڭ كۆزىنى چېقىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا «جىددىي ماشىنا توختىتىش ئورنى» تەسىس قىلىنىدۇ، چاتاق چىققان ماشىنىلار بۇ يەردە ۋاقىتلىق توختايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مەخسۇس كىرىش - چىقىش ئېغىزى بولىدۇ، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى، كونا ۋە سۈرئىتى ئاستا قاتناش قوراللىرى ھەم ھايۋانلارنىڭ يولغا كىرىشىگە بولمايدۇ. تاشيولنىڭ سىرتقى ئىككى يېنىدا مېتال توسۇق ئورنىتىلىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە ھىملىنىدۇ. باشقا يوللار بىلەن كېسىشكەن يەرلەردە «ئۆتۈشمە كۆۋرۈك» ياسىلىدۇ، بارلىق ماشىنىلار مۇشۇ يەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن چىقىدۇ. مۇنداق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەردىن ھەر50 كىلومېتىردا بىرى بولىدۇ. تاشيول ئىچىدە ھەق ئېلىش پونكىتى، ماي قاچىلاش پونكىتى، رېمونت پونكىتى، دەم ئېلىش ئىشخانىسى، ماگىزىن، ئاشخانا، سۇ ئۈزۈش مەيدانى ۋە مېھمانخانىلار بولىدۇ. يەنە قاتناشنى تەكشۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان «ئېلېكترونلۇق تەكشۈرۈش مەركىزى» بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور ۋە سىملىق - سىمسىز ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇئەييەن ئارىلىقلاردا ئاسما كۆۋرۈك ۋە يەر ئاستى يوللىرى بولىدۇ، بۇلار پىيادە، ۋېلىسىپىتلىك كىشىلەر ئۆتىدىغان «يول» دۇر. مۇنداق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىلار ناھايىتى يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭالايدۇ، شۇنداقتىمۇ بىخەتەرلىككە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىغاچقا، ئىنژېنېرلار ئۇنىڭغا ئېلېكترونلۇق «كۆز - قۇلاق» ئورناتقان. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىش تاختىلىرى ۋە يول يۈزى بەلگىلىرى بولۇپ، ئۇلار «قوماندانلىق كالتىكى» سۈپىتىدە ماشىنىلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە ئايروپىلان، تېلېكامېرا، سەييارە تەكشۈرۈش ماشىنىلىرى «كۆز - قۇلاق» سۈپىتىدە تەكشۈرگەن ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدۇ، كومپيۇتېر تەھلىل قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەدبىرلەرنى «ئېغىز» − ئۆزگەرمە بەلگىگە يوللاپ كۆرسىتىدۇ ياكى رادىئو ئارقىلىق، شوپۇرلارغا «ئالدىدا ئاۋارىيە بار، ئايلىنىپ يۈرۈڭ»، «بوران - چاپقۇن يېقىنلاشتى، سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ»، «ئالدىدا قاتناش تىقىلمىسى بار، كىرىش ئېغىزى ۋاقىتلىق تاقالدى» دېگەندەك مۇناسىپ تەدبىرلەر ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ توشۇش مىقدارى بەش تۆمۈريولنىڭ توشۇش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يەنە ماشىنىلارنىڭ توشۇش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئۇ زامانىۋىلاشقان يولدۇر.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋى قاتناش يوللىرى
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول | UyghurWiki | UyghurWiki