يەر ئاستى تۆمۈريولى
زامانىۋى قاتناش يوللىرى
يەر ئاستى تۆمۈريولىنى ئەڭ بۇرۇن ئەنگلىيىلىك سودىيە ئوتتۇرىغا قويغان.19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لوندوندىكى چارلىز ئاتلىق بىر سودىيە شەھەردىكى ماشىنا قاتناش ماجىرالىرىنى بىر ياقلىق قىلغاندا، قاتناشنى يەر ئاستىغا باشلاش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.1863 - يىل1 - ئاينىڭ10 - كۈنى دۇنيادا تۇنجى يەر ئاستى تۆمۈريولى لوندوندا قۇرۇلۇپ تىجارەتكە كىرىشكەن، ھازىر يەر ئاستى تۆمۈريولى دۇنيادىكى چوڭ - ئوتتۇرا شەھەرلەردە ئومۇملاشتى.
شەھەر مەركىزىدىكى يەر ئاستى تۆمۈريولىدا يەر ئاستى تونىل شەكلى قوللىنىلىدۇ. يەر يۈزىدىن20 مېتىرغىچە تۆۋەن بولغىنى «تېيىز يەر ئاستى تۆمۈريولى» دەپ؛30 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىرى «چوڭقۇر يەر ئاستى تۆمۈريولى» دەپ ئاتىلىدۇ. تۆمۈريوللارنىڭ توغرا كەسمە يۈزى تۇرۇبىسىمان بولغانلىقتىن، «تۇرۇبىسىمان يەر ئاستى تۆمۈريولى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن يەر ئاستى تۆمۈريوللىرى شەھەر مەركىزىي رايونىدىن شەھەر سىرتىغا بارغاندا، يەر ئۈستىگە چىقىپ، يەر ئۈستى تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىدۇ.
يەر ئاستى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئوچۇق قېزىش ۋە يوشۇرۇن قېزىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئوچۇق قېزىش «قېزىپ تىندۇرۇش ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا يەر يۈزىدىن ئويۇپ كىرىپ، ئويۇلغان يەرگە تۆمۈريول تونىلى ياسىلىدۇ، ئاندىن ئۈستى تىندۇرۇلىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان يوشۇرۇن قېزىش ئۇسۇلىنىڭ «قالقانسىمان قېزىش ئۇسۇلى» ۋە «كان قېزىش ئۇسۇلى» دەپ ئىككى خىل ئۇسۇلى بولىدۇ. قالقانسىمان قېزىش ئۇسۇلىدا «قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ماشىنا قارىغۇ چاشقان ئۇۋا قازغاندەك قېزىپ كىرىدۇ، ئۇ سېغىز توپىلىق يەرلەرگە ماس كېلىدۇ. كان قېزىش ئۇسۇلى ئۇل جىنسى يۈزە ۋە قاتتىق يەرلەرگە باب كېلىدۇ، ئۇنىڭدا كان ئاچقاندا لەخمە قازغاندەك قېزىپ كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، لەخمە قېزىش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «پاتقاق قويۇش ئۇسۇلى» ۋە «توڭلىتىش ئۇسۇلى» دېگەندەك ئۇسۇللىرىمۇ بار. بۇ ئۇسۇللار يەر ئۈستىدىكى قۇرۇلۇشلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ھەتتا ئەسلىدىكى يەر ئاستى تۆمۈريولىنىڭ تېخىمۇ ئاستىغا تېز سۈرئەتلىك يەنە بىر يەر ئاستى تۆمۈريول قۇرغىلى بولىدۇ.
يەر ئاستى تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى چوڭ، سۈرئىتى تېز، بىخەتەر ۋە ئازادە بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ھېسابلىنىدۇ. بىر يەر ئاستى تۆمۈريول پويىزىغا800 ~1200 كىشى سىغىدۇ، بۇ ئون نەچچە ئاپتوبۇسنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاپتوبۇستىن1 ~2 ھەسسە تېز. شۇنىڭدەك، تۆمۈريول يەر ئاستىدا بولغانلىقى ۋە پويىز ئېلېكتر كۈچى بىلەن ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر مۇھىتىنى بۇلغىمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە يەر ئاستى تۆمۈريولى غول لىنىيە قىلىنىپ، شەھەر ئەتراپى ئاپتوبۇسلىرى ۋە ئېلېكتروۋوزلار بىلەن بىللە ئاممىۋى قاتناش تورى ھاسىل قىلىنغان.