UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋى قاتناش يوللىرىسۇ ترانسپورتى

سۇ ترانسپورتى

زامانىۋى قاتناش يوللىرى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي سۇ يولىدىن پايدىلىنىۋاتقىنىﻌا نەچچە مىڭ يىللار بولدى. ئۇلار تاش قوراللار دەۋرىدىلا ياغاچتىن قولۋاق ياساپ، سۇدا ماڭغان، كېيىن قېيىق ۋە كېمىلەر بارلىققا كەلگەن. مىلادىيىدىن2 ئەسىر بۇرۇنقى غەربىي خەن دەۋرىگە كەلگەندە، جۇڭگودىكى يىپەك يولى دېڭىز يولى ۋە قۇرۇقلۇق يولىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنگەن. دېڭىزدىكى «يىپەك يولى» دېيىلگىنى كۆلىمى چوڭراق سۇ ترانسپورتىنى كۆرسىتىدۇ. سۇ ترانسپورتى دېڭىز ترانسپورتى ۋە دەريا ترانسپورتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىرىدە دېڭىز، يەنە بىرىدە دەريا قاتناش لىنىيىسى قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى6380 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، تەبىئىي «سۇ يولى» ھېسابلىنىدۇ. تۆمۈريول يوق چاغدا بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى جەنۇب - شىمالنىڭ ئاساسىي قاتناش لىنىيىسى ئىدى. لېكىن، ھەممىلا دەريا - كۆللەردىن تەييار سۇ يولى سۈپىتىدە پايدىلانغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.1000 توننىلىق كېمىلەرنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، دەريالارنىڭ تارلىرىنى كېڭەيتىش، تېيىزلىرىنى تىرەنلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەريالارنى قانال قېزىپ تۇتاشتۇرغاندىلا، چوڭ تىپتىكى ئىچكى دەريا كېمىلىرى تەرەپ - تەرەپكە بارالايدىغان سۇ يولى تورى شەكىللىنىدۇ. زامانىۋى ئىچكى دەريا ترانسپورتىنىڭ بىرنەچچە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچى، ئۆتۈشۇش ئىقتىدارى چوڭ، بىر مىسسىسىپى دەرياسى10 تۆمۈريولغا باراۋەر، بىر رېين دەرياسى20 تۆمۈريولنىڭ كۈچىنى بېرىدۇ. ئىككىنچى، توشۇش خىراجىتى ئەرزان، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى دەريا توشۇش خىراجىتى تۆمۈريولنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىگە، تاشيولنىڭ ئون بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۈچىنچى، يېقىلغۇ تېجەيدۇ، چەت ئەللەرنىڭ1 گالون يېقىلغۇ بىلەن1 توننا يۈكنى توشۇش ئارىلىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئايروپىلان8 كىلومېتىر، ئاپتوموبىل80 كىلومېتىر، پويىز300 كىلومېتىر بولسا، سۇ يولىنىڭ550 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بولۇپمۇ، چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى توشۇش بەك قۇلاي، سۇ يولى ئىگىلەيدىغان يەر ئاز،1 كىلومېتىر تۆمۈريول ياكى تاشيول ياساشقا50 مو يەر كېتىدۇ، دەريا ترانسپورتىدا تەبىئىي دەريادىن پايدىلىنىلغاچقا، يەرنى تولىمۇ ئاز ئىگىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋى قاتناش يوللىرى
سۇ ترانسپورتى | UyghurWiki | UyghurWiki