يىلان
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يىلاننىڭ ھەممە يېرىنى گۆھەر دېيىشكە بولىدۇ، يىلان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول، تەمى ئېسىل بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. يىلان تېرىسى قىممەتلىك كۆن خام ماتېرىيالى. يىلان ئۆتىدىن كۆپ خىل دورىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ، يىلان تېنىنى دورىغا ياكى ھاراققا چىلاشقا بولىدۇ، يىلان زەھىرىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بىئو خىمىيىلىك سىناق دورىسى ئىشلەپ، تۈرلۈك نېرۋا ئاغرىقى، بالىلار پارالىچ كېسەللىكى، قاناشقا مايىللىق كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا بولىدۇ. يىلان قېنى، يىلاننىڭ تاشلىغان قاسىراقلىرىدىنمۇ دورا ئىشلەشكە بولىدۇ. شۇڭا، يىلان «تىرىك ئالتۇن» دەپ ئاتىلىدۇ.
يىلاننىڭ تۇرمۇش رىتىمى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. توخۇ، توشقان قاتارلىقلار مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارغا كىرىدۇ، يىلان بولسا ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا قىشتا ئۈچەككە كىرىش، ئەتىيازدا ئۈچەكتىن چىقىش، ياز ۋە كۈزدە جانلىنىشتەك تۇرمۇش رىتىمى شەكىللەنگەن، بۇ يىلاننىڭ ئالاھىدىلىكى.
يىلان ئادەتتە كۈز پەسلىدە جۈپلىشىدۇ، ئىككىنچى يىلى5 - ئايدىن8 - ئايغىچە چىشى يىلان تۇغىدۇ. چىشى يىلاننىڭ تۇغۇشىدا مۇنداق ئىنتايىن قىزىقارلىق ئەھۋال بولىدۇ: بەزى چىشى يىلانلار تۇخۇم تۇغىدۇ، بەزىلىرى بىۋاسىتە كىچىك يىلان تۇغىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، تۇخۇم تۇغىدىغان يىلان تۇخۇمنى بېسىپ يېتىپ يىلان چىقىرىدۇ، بىۋاسىتە يىلان تۇغىدىغان يىلان تۇخۇمنى ئۆز تېنى ئىچىدە تۇرغۇزۇپ يىلان چىقىرىدۇ.