ئالا سۈت كالىسى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
جۇڭگونىڭ ئالا سۈت كالىسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ياخشى، بېقىش ئەڭ ئومۇملاشقان سۈت كالا نەسلى بولۇپ، ھەربىر كالىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن5000 كىلوگرام سۈت چىقىدۇ، يۇقىرى بولغانلىرىنىڭ ئون بەش مىڭ كىلوگرامغا يېتىدۇ.
سۈت كالىسى بېرىدىغان سۈت مىقدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنىڭ25 پىرسەنتىنى ئىرسىيەت ئامىلى بەلگىلەيدۇ،75 پىرسەنتىنى ئىلمىي بېقىش سەۋىيىسى بەلگىلەيدۇ، يەم - خەشەكمۇ يەم - خەشەك پەرۋىشىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئالا سۈت كالىسىنىڭ سۈت ئاجرىتىش مەزگىلىدە ماددا ئالمىشىش فۇنكسىيىسى كۈچىيىدۇ، نەپەسلىنىش، قان ئايلىنىش، ئىچكى ئاجراتما ۋە نېرۋا تەڭشەش قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىمۇ كۈچىيىدۇ. كۈندىلىك يەم - خەشەكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاش، سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئىشتىھاسىنى ياخشىلاش ئارقىلىقلا سىيىرنىڭ تولۇق سۈت بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كۈنىگە25 كىلوگرام سۈت بېرىدىغان سۈت كالىسىغا بىر كۈندە تەخمىنەن58 كىلوگرام يەم - خەشەك بېرىش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇق ئوت - چۆپ5 كىلوگرام، يېشىل يەم - خەشەك15 كىلوگرام، تۈگۈنەك يىلتىز، شىرنىلىك بوغۇز ۋە شېكەر تىرپىنىڭ ھەربىر خىلىدىن10 كىلوگرام، ئارىلاشما بوغۇز (كۈنجۈرە، كېپەك، ئارپا، كۆممىقوناق، قوشۇمچە مەھسۇلات، پۇرچاق تۈرىدىكىلەردىن تەييارلىنىدۇ)8 كىلوگرام بېرىلسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېتەرلىك ئىچىملىك سۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى، ئاپتوماتىك سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
يۇقىرى ھوسۇللۇق سۈت كالىلىرى پاكىزلىقنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ بەدىنىنى بىر قۇر تاراپ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھىي ھالىتىنى ياخشىلاش كېرەك. يۇقىرى ھوسۇل بېرىدىغان سۈت كالىلىرى نازۇكراق بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە سەزگۈررەك كېلىدۇ، ئىسسىققا چىدىمايدۇ، ھاۋا تېمپىراتۇرىسى℃30 تىن ئاشقاندا ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، نەپەسلىنىشى، تومۇر سوقۇشى ئىتتىكلىشىدۇ، شۇڭا ياز پەسلىدە مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلمىي بېقىش شەرتى ئاستىدا،توغرا ۋە پىششىق بولغان سۈت سېغىش تېخنىكىسىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن سۈت كالىسىنى ساغلام بولۇش، يۇقىرى ھوسۇل بېرىش، مۇقىم ھوسۇل بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆپ مىقداردىكى ئەلا سۈپەتلىك پاكىز سۈتكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
قىزىقارلىقى شۇكى، كىشىلەر يۇقىرى ھوسۇللۇق سۈت كالىلىرىنىڭ يەنە مۇزىكىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى، كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاتقاچ سۈت ساغقاندا سۈت بېرىش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، كلاسسىك مۇزىكىنىڭ سۈت كالىسىنىڭ ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە ۋە سالماق تۇتۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.