UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىمېتېئورولوگىيە ئامىللىرى ۋە يېزا ئىگىلىكى

مېتېئورولوگىيە ئامىللىرى ۋە يېزا ئىگىلىكى

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى «بارلىق مەۋجۇتلار قۇياشقا باقىدۇ، يامغۇر سۈيى مايسىنى تېىمەن قىلىدۇ». يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مەيلى تېرىقچىلىق بولسۇن ياكى باقمچىلىق بولسۇن ھەممىسىلا يېتەرلىك قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىسسىقلىق، قۇياش نۇرى، سۇ، ھاۋا مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئامىلى. ھەر خىل دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى مۇئەييەن دائىرىدىكى ئىسسىقلىق، قۇياش نۇرى، سۇ، ھاۋا شارائىتىدا ياشايدۇ، ئەگەر بۇ دائىرىگە يەتمىسە ياكى بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، مەھسۇلات كېمىيىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ «ئاپەت» پەيدا بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى كىلىماتى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دائىم چېكىدىن ئاشقان ھەر خىل كىلىمات ھادىسىلىرى مەسىلەن، تەيفېڭ بورىنى، قارا قۇيۇن، مۆلدۈر، قۇرغاق ئىسسىق شامال قاتارلىقلار پەيدا بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرى ئاساسلىقى تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ، بىرىنچى، تېمپېراتۇرا ئامىلى پەيدا قىلغان ئاپەت، بۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا پەيدا قىلغان ئۈششۈك ئاپىتى، قىشتىن ئۆتىدىغان زىرائەتلەرنىڭ ئۈششۈپ قېلىش ئاپىتى، سوغۇق ئاپىتى، ئىسسىق بەلۋاغ ۋە سۇبتىروپىك بەلۋاغ زىرائەتلىرىنىڭ سوغۇق ئاپىتى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا قىلغان ئىسسىقلىق ئاپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، ھۆل - يېغىننىڭ بىنورماللىقى پەيدا قىلغان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، ھۆلچىلىك ئاپىتى، قار ئاپىتى ۋە مۆلدۈر ئاپىتى قاتارلىقلار. ئۈچىنچى، شامال كۈچىنىڭ بىنورماللىقى پەيدا قىلغان بوران ئاپىتى، تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى، قارا قۇيۇن ئاپىتى قاتارلىقلار. تۆتىنچى، ئۇنىۋېرسال مېتېئورولوگىيە ئامىلى پەيدا قىلغان قۇرغاق ئىسسىق شامال ئاپىتى، سوغۇق يامغۇر ئاپىتى، سوغۇق ھۆلچىلىك ئاپىتى قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى