UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىتوخۇ باقمىچىلىقى

توخۇ باقمىچىلىقى

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ماشىنىلاشقان توخۇ فېرمىسى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا ئوخشايدۇ، تۇخۇم تۇغۇۋاتقان مېكىيانلار خىزمەت ماشىنىسى، يەم بولسا خام ماتېرىيال، بۇنىڭدىن چىققان مەھسۇلات تۇخۇم بولىدۇ، ئەلۋەتتە. زاۋۇتلاشقان توخۇ باقمىچىلىقىدا يەم بېرىش، سۇ بېرىش، قىخ تازىلاش، تۇخۇم ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. توخۇلار كاتەككە سولاپ بېقىلىدۇ، كاتەك3 −4 قەۋەتلىك بولۇپ، زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. توخۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى كاتەك ئىچىدە ئۆتكەچكە، كاتەكتىن چىقىپ بىلگىنىچە ھەرىكەت قىلالمايدۇ، شۇڭا بۇ «يۇقىرى زىچلىق، پۈتۈنلەي كاتەكتە بېقىش» دەپ ئاتىلىدۇ. كاتەك ئۆيلەر ئەلۋەتتە زاۋۇت ئۆيلىرىگە ئوخشاش ئىسسىق ئۆتكۈزمەيدىغان، سوغۇقتىن ساقلىنالايدىغان قىلىپ سېلىنىدۇ، ئىچىگە ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىدۇ. تۇخۇم توخۇسىنى يىل بويى℃15 − 20 لۇق مۇھىتتا بېقىش ھەمدە ئۆي ھاۋاسىنى ساپ ساقلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تۇخۇم توخۇسى تاشقى مۇھىت كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئوخشاشلا تۇخۇم تۇغۇۋېرىدۇ. زاۋۇتلاشقان توخۇ باقمىچىلىقىدا ئەلا سورتلۇق توخۇلار بولۇشى كېرەك. بەزى ئىلغار دۆلەتلەر سورت لىنىيىسى ئىچىدە چېتىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شالغۇت ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ مېكىياننىڭ تۇخۇم مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، توخۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوزۇقلۇقى تولۇق بولغان يەم - خەشەك ئىلمىي ئۇسۇلدا تەييارلىنىدۇ، بۇ يەم - خەشەكلەردىن كۆممىقوناق، ئارپا، ئاق قوناق قاتارلىق ئاشلىق يېمىدىن باشقا، يەنە نىسبىتى مۇۋاپىق بولغان ئاقسىللىق يەم، ۋىتامىنلىق يەم ۋە مىنېرال ماددىلىق يەملەر بار. كۆلەملىك زاۋۇتلاشتۇرۇلغان توخۇ باقمىچىلىقىدا يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولسىلا زور زىيان كۆرۈلىدۇ، ھەتتا توخۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ، شۇڭا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر يۈرۈش مۇكەممەل تۈزۈمىنى قوللىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلمىي بېقىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
توخۇ باقمىچىلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki