فېڭۋېي موگۇسى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
فېڭۋېي موگۇسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا تىپىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بولۇپ، ئەسلىدە ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقاتتى، نەچچە يىل ئۇرۇق كىرگۈزۈپ تەجرىبە قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ماكانلاشتى».
فېڭۋېي موگۇسىنىڭ تەمى ئېسىل بولۇپ، پۇراقلىق، چۈرۈك، يۇمشاق، سىلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى گۆش تۈرىدىكىلەرگە يېقىنلىشىدۇ، مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى كالا، قوي گۆشىنىڭكىدىن يۇقىرى، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان، ئەمما ئادەتتىكى ئاشلىقتا كەمچىل بولىدىغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئۇنىڭدا تولۇق. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «كۆكتاتلار ئىچىدىكى گۆش» دەپ ئاتىشىدۇ. فىڭۋېي موگۇسىنىڭ يەنە مۇئەييەن دورىلىق قىممىتى بار بولۇپ، ئۇ دىئابېت كېسىلى ۋە سېمىزلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكى.
فىڭۋېي موگۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئاددىي بولۇپ، پەرۋىشى ئاسان. ھازىر مەملىكەت ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك شال پاخىلى، چىگىت پوستىكى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى شاخ - شۇمبىسى، توپان - داشقاللىرى، ھاراق تىرىپى قاتارلىق دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەمدە كېرەكسىز ماتېرىياللار خام ماتېرىيال قىلىنىپ، ئۆي ئىچىدە ياكى تالادا ئۆستۈرۈلىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئارىسىغا بىۋاسىتە كىرىشتۈرۈپ تېرىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەبىئىي تېمپېراتۇرىدىن پايدىلىنىپ يەر ئۈستىدە يېتىلدۈرۈش، يەر ئاستىدا موگۇ چىقىرىشقا ئوخشاش ئۈستى بىلەن ئاستىنى بىرلەشتۈرۈشتەك ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. فېڭۋېي موگۇسىنى يەنە ئائىلىلەردە ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، قۇتا، داس، ساندۇق، سېۋەت ھەمدە سۇلياۋ خالتا قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ ئۆي ئىچى، بالىكون، ئاشخانا ياكى كارىدورلاردا ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دەۋرى قىسقا بولۇپ، تېرىشتىن يىغىۋالغۇچىلىك قىسقىلىرىغا20 نەچچە كۈن كېتىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرىنىڭمۇ بىر ئايدىن ئاشمايدۇ، مەھسۇلاتى باشقا يېمەكلىك زەمبۇرۇغلىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق چىقىدۇ.