UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىقۇلۇلە

قۇلۇلە

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە قۇلۇلە داستىخاندىكى ئالىي يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ، ھەتتا دۆلەت زىياپەتلىرىدىمۇ قۇلۇلە قورۇمىسى كەلتۈرۈلىدۇ. كىشىلەر قۇلۇلىنى كونسېرۋا قۇتىسى ئىچىدىكى مەززىلىك گۆش دەپ ئاتىشىدۇ، فرانسىيىدە ھەر يىلى100 مىڭ توننىدىن كۆپرەك قۇلۇلە ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغىنى ئېھتىياجنى قاندۇرۇلمىغاچقا3 /1ى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ. قۇلۇلىنىڭ گۆشى لوق ھەم يېيىشلىك، مەززىلىك بولۇپلا قالماستىن، تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقىمۇ مول. يېقىنقى زامان جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، قۇلۇلە گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولىغىمۇ ئىگە، ئۇنىڭ بەلغەمنى يوقىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، دەم سىقىلىشقا شىپا بولۇش، پەيلەرنى بوشىتىش، چۇقۇققا مەنپەئەت قىلىش رولى بار ئىكەن. دۇنيادىكى قۇلۇلە تەخمىنەن40 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، ھازىر سۈنئىي بېقىلىۋاتقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى فرانسىيە قۇلۇلىسى، ھويلا - ئارام قۇلۇلىسى، ھېقىق قۇلۇلىسى ۋە تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ ئاق قۇلۇلىسى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق قۇلۇلە ئەڭ قىممەتلىك يېڭى سورت دەپ قارىلىدۇ. قۇلۇلىنى بېقىش ئۆي ئىچى، غار - گەمە، ساندۇق، فېرمىدا بېقىشتىن ئىبارەت تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ، قۇلۇلىنىڭ تېمپېراتۇرا، نەملىك، ئىسسىقلىقنى ياقتۇرىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تېمپېراتۇرا، نەملىك دەرىجىسىنى تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىنىدۇ. ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، دائىم سۇ پۈركۈپ نەملىكنى ساقلاشقا ۋە تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا ℃18 تىن يۇقىرى بولسىلا قىشتىن ئۆتەلەيدۇ. قۇلۇلىنىڭ ئوزۇقى بىرقەدەر يىرىك بولۇپ، ئادەتتە تۈرلۈك كۆكتات، ھەر خىل پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز ھەمدە ئۈجمە يوپۇرمىقى، ئۈزۈم يوپۇرمىقى، تاتلىقياڭيۇ يوپۇرمىقى، سېمىزئوت، بۇساق، ئېمىلىيە ئوتى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، گۈرۈچ، گۈرۈچ توپىنى، تاتلىقياڭيۇ ۋە تەركىبىدە كالتسىي بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بىرىكمە يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىش ئارقىلىق سەمرىشىنى تېزلىتىشكىمۇ بولىدۇ. قۇلۇلىنىڭ كۆپىيىشى بىرقەدەر تېز بولۇپ، بىر يىلدا2 −3 قېتىم تۇغىدۇ. چېتىشىپ10 كۈن ئۆپچۆرىسىدە تۇخۇم چىقىرىدۇ، ℃25 شارائىتتا10 كۈن ئۆپچۆرىسىدە كىچىك قۇلۇلە تۇخۇمدىن چىقىدۇ،4 −6 ئايدا ئېغىرلىقى50 گرامدىن ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى