UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىبامبۇك موگۇسى

بامبۇك موگۇسى

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى بامبۇك موگۇسى يۇمران، يېيىشلىك، خۇش پۇراق بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر جۇڭگوچە قورۇمىلارنىڭ خام ماتېرىيالى. بامبۇك موگۇسى يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ساقلىقنى ساقلاشنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتى بولۇپ، قان بېسىمى يۇقىرى، قېنىدا خۇلېستېرىن ئېشىپ كەتكەن، دىئابېت كېسىلى بار بىمارلارنى داۋالاشتا بىرقەدەر ياخشى شىپالىق ئۈنۈمى بار؛ يەنە ئورۇقلىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئالاھىدە رولىمۇ بار. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ھازىرقى ئومۇملاشقان يېمەكلىك زەمبۇرۇغلىرىنىڭكىدىن10 نەچچە ھەسسە، ھەتتا100 ھەسسە يۇقىرى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ئۇنىڭدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، كۆرۈنۈشى تەڭداشسىز بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «زەمبۇرۇغ خانىشى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. بامبۇك موگۇسى چىرىندە زەمبۇرۇغىغا تەۋە. ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئالاھىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى تەلەپ قىلىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بامبۇكزارلىقلار ۋە جەنۇبتىكى بىر قىسىم بانانلىقلارلا ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە باب كېلىدۇ. ئىلگىرى ئاساسلىقى ياۋا بامبۇك موگۇسى بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا تايانغان بولغاچقا، مەھسۇلاتى ئاز ھەم قىممەت ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ بامبۇك موگۇسىنى ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ھەمدە گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، يۈننەن، گۈيجۇ، سىچۇەن، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە سۈنئىي ئۆستۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى قۇردى. بامبۇك موگۇسىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈشتە ئاساسلىقى يېنىك سانائەت، ياغاچ ماتېرىياللىرى، بامبۇك ئەسۋابلىرى ئىشلەش زاۋۇتلىرى چىقارغان چىقىرىندى ماتېرىياللار، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقتىكى تەركىبىدە ئورگانىك ماددىلار مول بولغان كېرەكسىز ماتېرىياللار ئۆستۈرۈش خۇرۇچى قىلىنىدۇ. بۇ «كېرەكسىز ماتېرىياللار» نى بامبۇك موگۇسى زەمبۇرۇغىنىڭ پارچىلىشى، سۈمۈرۈشى ۋە پايدىلىنىشى بىلەن يۇقىرى ئاقسىللىق ئوزۇقلۇققا ئايلىنىدۇ، قالغانلىرى ئۆزگەرتىلىپ تەركىبىدە تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يەم - خەشەك ياكى ئەلا سۈپەتلىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇلۇپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئازايتىلىپ، ئېكولوگىيىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بامبۇك موگۇسىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈشتە ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرۈش، ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈش ۋە ئورماندا ئۆستۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ، ئىشلىتىلگەن ئۆستۈرۈش خۇرۇچى ۋە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا، بامبۇك موگۇسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش دەۋرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىدىكى پەرقمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، ئاز بولغانلىرىنىڭ تۆت ئايغا، كۆپ بولغانلىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن كۆپرەككە يېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى