يېزا ئىگىلىكى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئەجدادلىرىمىز2 مىليون يىلغا يېقىن ئۇزاق تارىخ داۋامىدا ئىزچىل يىغىش،ئوۋلاشتەك تۇرمۇش شەكلى ئاساسىدا ياشاپ كەلگەنىدى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن10 مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئاندىن تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى − يېزا ئىگىلىكى بارلىققا كەلدى.
يېزا ئىگىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ نادانلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە مەدەنىيلىك دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ھازىر بىزگە ئەينى چاغدا نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئازىيىشى تۈپەيلىدىن نوقۇل يىغىش، ئوۋلاش ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئىلمىي قىياسلارغا ئاساسلانغاندا، كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرى يەر شارىدىكى نوپۇس ئومۇمىي سانى3 مىليونغا يەتمەيتتى، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە10 مىليونغا يەتتى، نوپۇس بېسىمى كۈنسايىن ئېغىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كىلىمات سوغۇقتىن ئىسىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان سوغۇق ھاۋاغا ئادەتلەنگەن ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماي كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتتى ھەتتا نەسلى قۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوۋلاش، يىغىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى كۈنسايىن ئازايدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا نوقۇل تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەييار يېمەكلىكلەرنى ئوۋلاش ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. يېمەكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىپيېڭى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى − يېزا ئىگىلىكى بارلىققا كەلدى.
ئىنسانلار ئۇزاق مۇددەتلىك ئوزۇقلۇق يىغىش پائالىيىتى داۋامىدا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە ئۇرۇقنىڭ تۇپراققا چۈشۈش، بىخلىنىش، ئۆسۈش ۋە چېچەكلەش، ئەڭ ئاخىرىدا مېۋە تۇتۇش جەريانىنى كۆزەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئالدى بىلەن ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنى تۇپراققا چېچىشنى سىناق قىلىپ، ئاندىن ئۇنى ئاڭلىق تېرىشقا باشلىدى، بۇ ئىپتىدائىي تېرىقچىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم شەرت.
ئوخشاشلا، ئوۋ قىلىش جەريانىدا كىشىلەر قايسى ھايۋانلارنىڭ ۋەھشىي ئىكەنلىكى، قايسى ھايۋانلارنى ئوڭاي كۆندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى تەدرىجىي پەرقلەندۈرۈپ، كۆندۈرگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنى يېنىدا قالدۇرۇپ بېقىپ، ئوۋ ئوۋلىيالمىغاندا ئۇلار ئارقىلىق ئوزۇقلۇقىنى تولۇقلىدى. شۇنداق قىلىپ ئىپتىدائىي باقمىچىلىق باشلاندى.
ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ شانلىق بىر سەھىپىسىنى ئاچتى.