ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇراجىئىتى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدىن40 - يىللىرى ئارىلىقىدا ئەنگلىيىلىك ئېبېرد خوۋارد ئىسىملىك ئالىم جۇڭگونىڭ ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش ئەنئەنىۋى تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلىگەندىن كېيىن، يەرگە بېرىلگەن ئوغۇت ئۆسۈملۈكنى ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ, دەپ قارىدى. ئۇ يەنە قۇياش نۇرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ، مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشى بىلەن تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىشىشى بىردەك بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە زىرائەت قالدۇقىنى تۇپراققا قايتۇرۇشتا، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنىڭ مەركىزىي قارالمىسى ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئورنىغا ئورگانىك ماددىلارنى دەسسىتىش بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى» دەپ ئاتاشتى. نېفىت يېزا ئىگىلىكىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ساداسى بارغانسېرى كۈچەيدى.
ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق: سۈنئىي سىنتېزلانغان خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچى دورا ۋە چارۋا يەم - بوغۇز خۇرۇچلىرىنى تامامەن ئىشلەتمەسلىك ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلەتمەسلىك، ئىمكانقەدەر نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، زىرائەت شاخ - شۇمبىلىرى، ئېغىل - قوتان قىغلىرى، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يېشىل ئوغۇت، تەركىبىدە مىنېرال ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بار بولغان تاغ جىنسلىرىغا تايىنىش ھەمدە بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكىنى ساقلاش، ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېتىز - ئېرىقلاردىكى كېسەللىك ھاشاراتلىرى، ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىش. بىراق، بۇ ھەر خىل يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى ئىشلىتىش، ئەلا سورتلار ھەمدە باشقا پەن - تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى چەتكە قاقمايدۇ.80
- يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكا ئالىملىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئورگانىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرى» نى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭكىدەك مۇنداق تاۋار خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىكى تۈزۈمىدە، ھەر يىلى نۇرغۇن مىقداردىكى ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ ياكى چارۋىلارنىڭ يەم - بوغۇزىنى تەييارلاشقا مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ، ئورگانىك ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقنى تۇپراققا قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، شۇڭا، سىرتتىن تولۇقلاشنى كەم قىلىشقا بولمايدۇ. بىراق، ئەگەر تار دائىرىدە يولغا قويۇلسا، باشقا جايدىن زور مىقداردا ئورگانىك كېرەكسىز ماددىلارنى ئەكىلىپ تولۇقلىغۇچى قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولغاندا ئورگانىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى يەنىلا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى.