مايمۇن شاپتۇلى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
مايمۇن شاپتۇلى دۆلىتىمىزدىلا بار بولغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكلۈكى ئوتتۇراھال بولۇپ، خۇش پۇراق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول.100 گرام يېڭى مېۋىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى150 - 400 مىللىگرامغىچە بولۇپ، ئاپېلسىن تۈرىدىكىلەردىكىدىن5 ھەسسىدىن10 ھەسسىگىچە يۇقىرى، ئالما، نەشپۈتنىڭكىدىن20 نەچچە ھەسسە يۇقىرى. ئۇنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە مۇراببا، مېۋە قىيامى، مېۋە قېقى، مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلىنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭدا ۋىتامىن C مول بولغاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، راكقا قارشى تۇرۇش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار. مايمۇن شاپتۇلى ئىسسىقنى، نەملىكنى ياقتۇرىدۇ، شامالدىن دالدا، كۈنگەي، ئىسسىق، نەم، سۇ چىقىرىش شارائىتى ياخشى، چىرىندى ماددىلار مول، سەل كىسلاتالىق بولغان قۇمساڭ تۇپراقلاردا ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدۇ، ئۇ قۇرغاقچىلىققا ۋە قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بىراق كېسەللىك، ھاشاراتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، پەۋرىشكە كۈچ كەتمەيدۇ، ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى، مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ، تۈركۈمگە بۆلۈپ يىغىۋېلىپ بازارنى تەمىنلەش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، مېۋىسى توشۇشقا چىداملىق، يېڭى ئۈزۈلگەن مېۋىسى تاشتەك قاتتىق بولىدۇ، يېرىم يىلدىن ئارتۇق سوغۇق ساقلىغىلى بولىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇشقا بولىدۇ. شۇڭا، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.