ئاپېلسىن
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئاپېلسىن دەرىخى ئىسسىقنى ياقتۇرىدۇ، ئادەتتە ئەتىيازدا چېچەكلەپ كۈزدە پىشىدۇ. ئاپېلسىن نازۇك مېۋە بولۇپ، ئاسان كۆكىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ، ئۈزۈشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇش لازىم، ئۇنى ساقلاشمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇزاقتىن بۇيان ئاپېلسىننى ساقلاش ئىزچىل قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى، كىشىلەر توڭلىتىش ئىسكىلاتى، يەر ئاستى ئىسكىلاتىدا ساقلاش؛ مېۋىگە موم سۈركەش، خىمىيىلىك دورىلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن چارىلەرنى تاپقان بولسىمۇ، ئۇنى ھۆل پېتى ساقلاش ۋاقتى ئاز - تولىلا ئۆزگەردى. بىراق، ئاپېلسىن پىشىش پەسلى كۈز شامىلىغا يامغۇر ئارىلىشىپ كېلىدىغان مەزگىل بولغاچقا، مېۋىنى ئۇزۇن ساقلاش يەنىلا ئىنتايىن تەس بولۇۋاتىدۇ.
ئاپېلسىننى شېخىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ قىشتىن ئۆتكۈزۈپ باھارغا چىقارغىلى بولامدۇ؟ باغۋەنچىلىك ئىلمى ئالىملىرى كۆپ يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاپېلسىن دەرىخىگە بەزى يېڭى پەرۋىش تېخنىكىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇنى شېخىدا قالدۇرۇپ ئىككىنچى يىلى باھاردا ئاندىن ئۈزۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاپېلسىن مېۋىسى يېڭى، پارقىراق بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ سۈپىتىمۇ ئۆستى.
ئاپېلسىننى شېخىدا قالدۇرۇش ئۇسۇلى ئومۇمەن مۇنداق بولىدۇ: ئاپېلسىن مېۋىسى يېشىلدىن سارغىيىپ پىشاي دېگەندە، دەرھال مېۋىنىڭ پىشىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ئۆسۈملۈك ھورمونى مەسىلەن، گىببېرېللىن پۈركۈلىدۇ. مىكرو جانلىقلار ئاپېلسىننى بۇزۇپ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان دۈشمەن بولغاچقا، مۇۋاپىق پەيتتە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىپ، مىكرو جانلىقلارنىڭ كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئاپېلسىننىڭ مېۋە مەزگىلى ئۇزارغانلىقى ئۈچۈن ئوزۇقلۇقنى كۆپرەك تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا كۆكتات كۈنجۈرىسى، پۇرچاق كۈنجۈرىسى تۈرىدىكى ئورگانىك ئوغۇتلار بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش كېرەك. ئاپېلسىن سوغۇقتىن قورقىدۇ، قىرو مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى يەنە كالىي دىھىدرو فوسفاتنى يوپۇرماق يۈزىگە قوشۇمچە ئوغۇت سۈپىتىدە بېرىپ ئوزۇقلۇقنى ئاشۇرغاندىلا ئۇنىڭ سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، باش باھار مەۋسۇمى كەلگەندە، يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا غۇچچىدە ئۆسكەن مېۋىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.