يىڭنىسىمان موگۇ
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يىڭنىسىمان موگۇنىڭ بىر تال ئۇزۇن ئاق زەمبۇرۇغ ساپىقى بولۇپ، چوققىسىدا سېرىق رەڭدىكى كىچىك زەمبۇرۇغ قالپىقى بار، كۆرۈنۈشى چىرايلىق. ئۇنىڭ ئېتى يۇمشاق، سىلىق، تەمى ئېسىل بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش كۈچى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق، شۇڭا «بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاشۇرىدىغان موگۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. يىڭنىسىمان موگۇنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، جىگەر كېسەللىكى ھەمدە ئاشقازان، ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
يىڭنىسىمان موگۇ ئەسلىدە قۇرۇپ قالغان دەرەخلەردە ئۆسىدىغان چىرىندى زەمبۇرۇغى بولۇپ، ئاساسلىقى دەرەخ تېنىدىكى ئوزۇقلۇققا تايىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭ سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى0 دىن تۆۋەن℃20 تىمۇ ياشىيالايدۇ، ئەمما ئۆسۈشتىن توختايدۇ، تېمپېراتۇرا ℃7−℃8 تىن يۇقىرى بولغاندا داۋاملىق ئۆسۈپ موگۇ چىقىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃18 تىن يۇقىرى بولغاندا موگۇنىڭ چىقىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ،℃30 تىن ئاشسا ئۆلىدۇ، شۇڭا بەزى جايلاردا ئۇنى «قىشلىق موگۇ» دەپ ئاتىشىدۇ.
يىڭنىسىمان موگۇنى سۈنئىي ئۆستۈرۈشتە ئادەتتە ياغاچ كېپىكى، چىگىت پوستىكى، شېكەر قومۇشى تىرىپى ھەمدە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ شاخ - شۇمبىلىرىغا مۇۋاپىق شال توپىنى، بۇغداي كېپىكى قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئۆستۈرۈش ئوزۇقلۇقى قىلىنىدۇ، قۇتىدا ئۆستۈرۈش، سۇلياۋ خالتىدا ئۆستۈرۈش ۋە مايسىزارلىقتا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. موگۇ ساپىقى10 −13 سانتىمېتىرغا، موگۇ قالپىقىنىڭ دىئامېتىرى2 −5 سانتىمېتىرغا يەتكەندە يىغىۋېلىنسا ئەلا سۈپەتلىك موگۇ ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى تۈركۈمى يىغىلىپ بولۇپ20 كۈن ئۆپچۆرىسىدە يەنە ئىككىنچى تۈركۈم موگۇ ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئادەتتە2 −3 قېتىمغىچە يىغىۋالغىلى بولىدۇ.
يىڭنىسىمان موگۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، سۇلياۋ خالتىدا ئۆستۈرۈشكىمۇ، قۇتا، ساندۇقتا ئۆستۈرۈشكىمۇ، ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈشكىمۇ، مايسىزارلىقتا ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خالتىدا ئۆستۈرۈش ۋە قۇتىدا ئۆستۈرۈشنىڭ مەھسۇلاتى مۇقىم ۋە يۇقىرى بولۇپ، ئائىلە شەكلىدىكى قوشۇمچە كەسىپكە تولىمۇ باب كېلىدۇ.
يىڭنىسىمان موگۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، خالتىلىق سپورىسى بەئەينى جەزبىدار مەسۇم قىزغا ئوخشايدۇ؛ رەڭگى سېرىق بىلەن سۈت رەڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈل - غۇنچىلاردىنمۇ بەكرەك خۇش پۇراق چىقىرىپ ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، ئادەتتە كۆرۈپ ھۇزۇر ئېلىنىدىغان موگۇ تۈرى قىلىنىدۇ.