توشقان
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
رەڭلىك توشقاننىڭ بارلىققا كېلىشى ئۆي توشقىنى باقمىچىلىقىغا كەڭ يول ئېچىپ بەردى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا رەڭدار تۈس قوشتى. ئۇنى فرانسىيىلىك ئالىملار ئادەتتىكى ئۆي توشقانلىرى ئىچىدىكى «توساتتىن ئۆزگەرگەن توشقان» لار ئىچىدىن تاللاپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ تېرىسى قارا، ئاق، قىزغۇچ قوڭۇر، قىزغۇچ سېرىق، سۆسۈن كۆك، شاكىلات رەڭ، كۈمۈش رەڭ، سېرىق قاتارلىق20 نەچچە خىل بولۇپ، رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ؛ يۇڭى ئىنچىكە ھەم قويۇق، تېرىسى نېپىز، چىڭ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن كىيىم - كېچەكلەر بەكمۇ يارىشىملىق چىقىدۇ، پاختىدەك يېنىك بولىدۇ، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ئۆردەكنىڭ پەي - تۈكلىرىدىن قېلىشمايدىغان بولغاچقا، بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز رەڭلىك توشقان ئىشلەپچىقىرىشنى دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېتىنىڭ «ئۇچقۇن پىلانى»غا كىرگۈزدى.
رەڭلىك توشقاننى بېقىش ئانچە قىيىن ئەمەس، كۈندىلىك پەرۋىشتە ئاساسلىقى كاتەك ۋە قەپەسنى كۈندە پاكىز تازىلاپ، قۇرغاق ساقلاش ھەمدە قەرەللىك دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ۋاقتىدا مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىش كېرەك. رەڭلىك توشقان ℃12 − ℃25 لۇق مۇھىتقا ئەڭ باب كېلىدۇ، توشقاننىڭ ھەرقايسى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچلىرىغا ئاساسەن، يېشىل يەمنى ئاساس، ئىنچىكە ئىشلەنگەن يەمنى قوشۇمچە، كۆپ خىل يەمنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇشتەك بېقىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئەتراپلىق ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
رەڭلىك توشقان5 −6 ئاي بېقىلغاندىن كېيىنلا كۆپىيەلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئوخشاش رەڭدىكى توشقاننى تاللاپ چېتىشتۇرۇش ھەمدە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدە قانداشلىق مۇناسىتى بولماسلىقى كېرەك. ئۇ ھەر يىلى تۆت قېتىمدىن بىر قېتىمدا يەتتە ئۆپچۆرىسىدە بۆجەنلەيدۇ. بۆجەن45 كۈن بولغاندا سۈتتىن ئايرىشقا بولىدۇ.16 ھەپتە بېقىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقى2 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ، بۇ چاغدا توشقاننى ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى ئېلىشقا بولىدۇ.