كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدىغان بۇغداي
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
بۇغداي ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىدىن بىرى. سەددىچىننىڭ جەنۇبى، مىنشەن، داشۆشەننىڭ شەرقى، چىنلىڭ، خۇەيخېنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىن − ئېلىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونى، بۇ جايلارنىڭ بۇغداي تېرىش تارىخىمۇ ئەڭ ئۇزاق؛ چىنلىڭ، خۇەيخېنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار بۇغداي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ رايون؛ ئۇنىڭدىن باشقا شىزاڭ ئېگىزلىكى، شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكى، چىڭخەي كۆلى ئەتراپى قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇغداي تېرىلىدۇ.
ئېلىمىز4000 −5000 مىڭ يىللىق بۇغداي تېرىش تارىخىغا ئىگە. ئەڭ دەسلىپىدە يازغى بۇغداي تېرىلاتتى، ئەمىنىيە دەۋرىگە كەلگەندە كۈزگى بۇغداي تېرىلىشقا باشلىدى. يازغى بۇغداي ئەتىيازدا تېرىلىدىغان بۇغداي دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەتىيازدا تېرىلىپ شۇ يىلى يازدا يىغىۋېلىنىدۇ، ئادەتتە بىر يىلدا بىرلا قېتىم تېرىلىدۇ. كۈزگى بۇغداي كۈزدە تېرىلىدىغان بۇغداي دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۈزدە تېرىلىپ، قىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى يازنىڭ بېشىدا يىغىۋېلىنىدۇ. كۈزگى بۇغداي سوغۇق قىش پەسلىدە ئۆسىدۇ، قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى يورۇقلۇق، تېمپېراتۇرا، سۇ قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنالايدۇ ھەمدە ئەتىيازدا ياكى يازدا تېرىلىدىغان زىرائەتلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ، قۇر ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىلىدۇ، ئېڭىزغا تېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىك يەر كۆلىمىدىكى ئاشلىق مەھسۇلاتى ئاشىدۇ.
بۇغداي تېرىشتا ئەنئەنىۋى تۈز تېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە ئالدى بىلەن ئېتىزدا تۈپتۈز چۆنەك ئېچىلىدۇ، ئاندىن بۇغداي ئۇرۇقى چۆنەككە چېچىلىپ توپا بىلەن باستۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇغداي مايسىلىرى تەبىئىي ھالدا قۇر - قۇر بويىچە ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئۇرۇققا ھاشارات يوقىتىش دورىسى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يەر ئاستى زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ بۇغداي مايسىلىرىنى يەۋېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. تېرىغاندا يەنە ھاشارات يوقىتىش دورىسى تۇپراققا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ خىل دورا ئارىلاشتۇرۇلغان توپا چۆنەكنىڭ ئاستىغا بىر قەۋەت چېچىلىپ، ئۇرۇقنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت يېپىلىپ ئۇرۇق دورا توپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا ھەم ھاشاراتتىن مۇداپىئە كۆرگىلى، ھەم كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئوت - چۆپلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپ!