بۆدۈنە
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
بۆدۈنە تۇخۇمى ۋە گۆشىدە ئوزۇقلۇقنىڭ مول بولۇشى، تەمىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. ئادەتتە40 −45 كۈن بېقىلسىلا تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىغان ھامان تۇغۇشتىن توختىمايدۇ. ئەگەر ئوبدان بېقىلسا بەزىدە بىر كۈندە ئىككى تۇخۇم تۇغىدۇ، يىللىق تۇخۇم مىقدارى300 دانىدىن ئارتىدۇ، شۇڭا، «تۇخۇم تۇغۇش چېمپىيونى» دېگەن نامى بار. بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل، تۈرلۈك مىكرو ئېلېمېنت ھەمدە مىنېرال ماددىلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا بىر خىل ئالاھىدە مېڭە ماددىسى بولۇپ، بۇ ماددا بالىلارنىڭ بەدىنى ھەمدە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولغاچقا، «جانىۋار مېھرىگىياھ» دەپ ئاتالغان.
بۆدۈنە بېقىشتا كاتەك ئىچىدە كۆپ قەۋەتلىك زىچ بېقىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئادەتتە ياغاچتىن ئىشلەنگەن قەۋەتلىك قەپەس ئىشلىتىلىدۇ، ھەربىر كاتەك4 −5 قەۋەتلىك بولۇپ،1 كۇب مېتىر ئورۇندا120 ~150 كىچە بۆدۈنە باققىلى بولىدۇ.
بۆدۈنە يېمىنىڭ سۈپىتى ياخشى، يېڭى، باشقىچە پۇرىقى يوق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن كۆممىقوناق، دۇفۇ تىرىپى، كېپەك، بېلىق پاراشوكى، سۆڭەك پاراشوكى، قۇرۇق چۆپ پاراشوكى قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان ئارىلاشما يەم - خەشەك بار. بۆدۈنە كېچە - كۈندۈز توختىماي يەم يەيدۇ، شۇڭا يەم قاچىسىغا يېمەكلىكنى يېتەرلىك سېلىش ھەمدە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۆدۈنە جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاسان چۆچۈيدۇ، ئەركەك بۆدۈنە سوقۇشقاق كېلىدۇ، شۇڭا بېقىش سورۇنىنى تىنچ ۋە پاكىز تۇتۇش، ئەركەك بۆدۈنە بىلەن چىشى بۆدۈنىنى ئايرىپ بېقىش كېرەك. چىشى بۆدۈنە بىر يىل تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن، ئۇنى شاللىۋېتىپ، گۆش بۆدۈنىسى قاتارىغا كىرگۈزۈۋېتىشكە بولىدۇ.