كۆممىقوناق
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
كۆممىقوناقنىڭ يۇرتى ئامېرىكا قىتئەسى بولۇپ، ئۇنى ئىندىئانلار ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرگەن، ئىندىئانلار كۆممىقوناقنى «مول ھوسۇل ئىلاھى» دەپ قارايدۇ.
كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىي شارائىتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىش ئاسان. ئوخشاش كىلىمات شارائىتى، ئوخشاش پەرۋىش شارائىتىدا كۆممىقوناقنىڭ مەھسۇلاتى باشقا زىرائەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. دۇنيا بويىچە كۆممىقوناقنىڭ تېرىلىش كۆلىمى بۇغداينىڭ2 /1 ىگە توغرا كەلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەھسۇلاتى بۇغداينىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىغا ئوخشاش دېگۈدەك كېلىدۇ. كۆممىقوناق ئىسسىقنى، يورۇقلۇقنى ياقتۇرىدۇ، سۇغا بولغان تەلىپى بىرقەدەر تۆۋەن، تاغلىق، ئېدىرلىقلاردا تېرىشقا باب كېلىدۇ. باشقا زىرائەتلەرنى تېرىغاندا مەھسۇلاتى تۆۋەن بولىدىغان ياكى باشقا زىرائەتلەرنى تېرىش مۇمكىن بولمايدىغان رايونلاردا كۆممىقوناق تېرىلسا يەنىلا يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
كۆممىقوناق ئېلىمىزدە كۆپ تېرىلىدۇ، كىشىلەر ئىزچىل ئۇنى قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش، ئاپەتكە تەييارلىق كۆرۈشتىكى مۇھىم زىرائەت دەپ قاراپ كەلگەن.
كۆممىقوناق كۈچلۈك ماددىي ئاساسقا ئىگە بولغاچقا، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ تۈپى ئېگىز، غولى توم بولۇپ، ھازىر ئۆستۈرۈلۈۋاتقان پاكار سورتلۇقلىرىمۇ ئادەم بويىچىلىك كېلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم چوڭ، يىلتىز سىستېمىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇلار كۆممىقوناق باشىقىنىڭ يېتىلىشىنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆممىقوناقنىڭ باشىقىدا ئۇزۇن پۆپۈكى بار، ئۇنىڭ نېمە رولى بار؟ ئەسلىدە كۆممىقوناق ئاتىلىق، ئانىلىق چېچىكى بىر تۈپتە بولىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىلىق چېچىكى قوناق شېخىنىڭ ئۇچىدا بولىدۇ. ئانىلىق چېچىكى يەنە ئانىلىق باشاق دەپ ئاتىلىدۇ، مانا بۇ بىز ئىستېمال قىلىدىغان كۆممىقوناق بولۇپ، ئۇ شاخنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، شاخ ئۇچىدىكى ئاتىلىق چېچەك چاڭ چىقارغاندا كۆممىقوناق پۆپۈكى ئاستاغىنە ئانىلىق باشاقتىن چىقىدۇ، گۈل چېڭى كۆممىقوناق پۆپۈكىنىڭ ئۇچىدىكى ئانىلىق تۇمشۇقىغا چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆممىقوناق باشىقىدىكى بىر تال ئۇرۇق كۆپۈشكە باشلايدۇ. كۆممىقوناق پۆپىكى ئانىلىق چېچەكنىڭ ئۇزۇن گۈل تۈۋرۈكى بولۇپ، ئانىلىق چېچەك ئۇ ئارقىلىق چاڭلىشىش جەريانىنى تاماملىغاندىلا، كۆممىقوناق باشىقىدا رەتمۇرەت يۇمىلاق دانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئەگەر ناچار كىلىمات شارائىتىغا ئۇچراپ، كۆممىقوناق پۆپۈكى ئانىلىق باشاقتىن چىقالمىسا ياكى يېتىلىشى ناچار بولسا چاڭلىشىشقا تەسىر يېتىپ، كۆممىقوناق باشىقىدىكى دان ئازلاپ كېتىدۇ، ھەتتا «تاز مەدەك»، «قۇرۇق شاخ» بارلىققا كېلىدۇ.
ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆستۈرۈش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كىشىلەر بەزى ئالاھىدە كۆممىقوناق سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈردى، مەسىلەن، تاتلىق كۆممىقوناق تاتلىق، سۈتلۈك بولۇپ، ئۇنى مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يەنە مېۋە كۆممىقوناق، تاتلىق كۆكتات كۆممىقوناق دېگەن نامىمۇ بار. ئۇنى يەنە كۆممىقوناق كۆكى مۇرابباسى قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ ، كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇ زىياپەتلەردىكى ئېسىل تائام. ئۇنىڭدىن باشقا ئېتىلدۇرۇلىدىغان كۆممىقوناقمۇ بار بولۇپ، نورمال بېسىمدا سۇس ئوتتا قورۇپ يېيىشلىك «كۆممىقوناق ئېتىلدۇرمىسى» نى تەييارلىغىلى بولىدۇ.