قارا مور
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
قارا مور (قارا ساڭراۋ قۇلاقمۇ دېيىلىدۇ) خۇش پۇراق، سىلىق، يۇمشاق، يېيىشلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن يېمەكلىكمۇ، دورىمۇ قىلىشقا بولىدىغان زەمبۇرۇغ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، كۆپىنچە ئالىي دەرىجىلىك گۆشلۈك قورۇما، گۆشسىز قورۇمىلارنىڭ خۇرۇچى قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ئۆپكىنى تازىلاپ يەلنى ھەيدەش، قان تولۇقلاش، ئاغرىق توختىتىش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەنئەنىۋى دورىلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
قارا مورنىڭ خالتىلىق سپورىسى ياغاچنىڭ يان تەرىپىدە ئادەم قۇلىقىغا ئوخشاش ئۆسىدۇ، يېڭى مور يىلىمسىمان ماددا ھالىتىدە بولۇپ، يېرىم سۈزۈك، ئوچۇق قوڭۇر ياكى سېرىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، تاق ياپراقلىق ۋە كۆپ ياپراقلىق دەپ ئايرىلىدۇ. قۇرۇق مور مۈڭگۈزسىمان بولۇپ، ئارقا يۈزى تۇتۇق كۈل رەڭ كېلىدۇ، قىسقا تىۋىتچىلىرى بولىدۇ، ئوتتۇرىسى سىلىق قارا رەڭدە بولىدۇ. بازاردا يەنە ئېتى بىرقەدەر قېلىن، ئارقا يۈزىدە تىۋىتچىلىرى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان تۈكلۈك مورنى ئۇچرىتىمىز، ئۇلارنىڭ سۈپىتى ناچارراق.
ئېلىمىز قارا مور ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق جاي بولۇپ، مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىلگىرى ياغاچ پارچىلىرىدا قارا مور ئۆستۈرۈلگەچكە، مەھسۇلاتى تۆۋەن، تەننەرخى يۇقىرى ئىدى، ھازىر ياغاچ كېپىكى ياكى چىگىت پوستىكى، كۆممىقوناق مەدىكى، شېكەر قومۇشى تىرىپى، شال پاخىلى قاتارلىق دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى كېرەكسىز ماتېرىياللار ئوزۇقلۇق خۇرۇچى قىلىنىپ، ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق ئادەتتە45 −55 كۈنگىچە مور چىقارغىلى بولىدۇ، ھەر100 كىلوگرام ئوزۇقلۇق خۇرۇچىدىن6 −8 كىلوگرام قۇرۇق مور يىغىۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ مەھسۇلاتى كونا ئۇسۇلدىكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەككە يېتىدۇ.
قارا مور مۆتىدىل بەلۋاغ زەمبۇرۇغ تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئەتىياز، كۈز پەسلىدە ئۆستۈرۈلسە ياخشى بولىدۇ؛ قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان رايونلاردا قىش پەسلىدە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.