UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىئۈجمە

ئۈجمە

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە بېقىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قوشقان زور تۆھپىسى.4000 يىل ئىلگىرىكى يېڭى تاش قورال دەۋرلىرىدىلا ئەجدادلىمىز تەبىئەتتە ياشاۋاتقان ياۋا پىلىنىڭ مەشۈت چىقىرىپ غوزەك تۇتىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ئاڭلىق بېقىپ كۆندۈرگەن، پىلە قۇرۇتى ياۋايىلىقىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى ئۆي پىلىسىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىز ئەمگەكچى خەلقى ئۈجمە دەرىخىنىڭمۇ سورتىنى ياخشىلاپ، نۇرغۇن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ياخشى سۈپەتلىك ئۈجمە سورتلىرىنى يېتىشتۈرگەن. ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا شاخ باستۇرۇپ كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەلا سۈپەتلىك ئۈجمە مايسىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچقان. ئۈجمە ئارىسىغا يېشىل پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق تېرىپ يېشىل ئوغۇت قىلىش، پىلە مايىقى ئارقىلىق ئۈجمىنى ئوغۇتلاش، ئۈجمە شېخىنى چاتاش قاتارلىق پەرۋىش تېخنىكىلىرى پىلە ئۈجمىسى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىدا ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. پىلە ئۈجمىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى. ئۈجمە ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي مەقسەت ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئارقىلىق پىلە بېقىش، بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى باشقا تەرەپلەردىكى ئېھتىياجغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەتىيازدا چاتالغان ئۈجمە شاخلىرىنى ئۈجمە مايسىسىنى كۆپەيتىشتىكى ئۇلاق نوتىسى قىلىشقا بولىدۇ؛ ياز پەسلىدە چاتالغان شاخلىرىنىڭ پوستىنى سويۇۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ ئالىي قەغەز ئىشلەشتىكى ئېسىل خام ماتېرىيال. ئۈجمە دەرىخىدە بولىدىغان ئۈجمە مېۋىسىنى ئۇرۇق قىلىپ ئۈجمە كۆپەيتىشكە ئىشلەتكەندىن باشقا، ھۆل مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۈجمە ھارىقى، ئۈجمە قىيامى قاتارلىق ئېسىل يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا بولىدۇ؛ ئۈجمە مەلھىمى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە بەدەننى قۇېۋەتلەشتىكى ئېسىل جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈجمە دەرىخى كۈزدە تاشلىغان يوپۇرماق قوي بېقىشتىكى ياخشى يەم - خەشەك ھېسابلىندۇ. قوي بېقىشتا ئۈجمە يوپۇرمىقى يەم - خەشەك قىلىنسا بىرىنچى دەرىجىلىك قوزا تېرىسى چىقىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىلە مايىقىمۇ بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئېسىل «غىزاسى»، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن خلوروفىل ئېلىشقا بولىدۇ. ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق پىلىچىلىك رايونلىرىدا ئۈجمە دەرىخى شاللىق بىلەن بېلىق كۆلى ئارىسىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. بېلىق كۆلىدىكى لاتقا ۋە چوشقا، قوي قىغى ئۈجمىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوغۇتى بولىدۇ، ئۈجمە يوپۇرمىقى ۋە پىلە غوزىكى خۇياڭ قويى بىلەن بېلىقنىڭ ئېسىل يەم - خەشىكى بولىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقى ۋە چارۋىلارنىڭ يەم - خەشىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى دېھقانلارنى ئوبدان ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە قىلدى. شۇنداق قىلىپ شاللىق، ئۈجمىزارلىق، بېلىق كۆلى، چارۋىچىلىق ئارىسىدا بىر - بىرىنى شەرت قىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قويۇق مۇناسىۋەت شەكىللىنىپ، ھازىرقى زامان يېزىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى