جۇغى چوڭ كۈركە توخۇ
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
كۈركە توخۇنىڭ جۇغى چوڭ، ئۆسۈپ يېتىلىشى بىرقەدەر تېز بولىدۇ. سەككىز ئاي بېقىلغاندىن كېيىن، ئادەتتە15 −20 كىلوگرامغا يېتىدۇ، بۇ ئادەتتىكى توخۇلارنىڭ10 ھەسسىسى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ.
كۈركە توخۇ يەنە «مېلېئاگنىس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇن نەسىللىرى بار، ئېلىمىزدە يىغىپ بېقىلىۋاتقانلىرى ئاساسلىقى كۆك مىس رەڭلىك كۈركە توخو بولۇپ، ئۇنىڭ گەۋدىسى يوغان، يىرىك يەمگە چىداملىق، ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تېز بولۇپ، سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە كېسەلگە تاقابىلچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك.
كۈركە توخۇنىڭ چۈجىسىنى بېقىشتا تېمپېراتۇرىغا مۇئەييەن تەلەپ قويۇلىدۇ، تۇخۇمدىن چىقىپ بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە تېمپېراتۇرىنى ℃ 36~℃38 تا ساقلاش كېرەك، تۆت كۈندىن كېيىن كۈنىگە℃1 تىن تۆۋەنلىتىش كېرەك، يەتتە كۈندىن كېيىن ھەپتىسىگە ℃2 تىن چۈشۈرۈپ ℃22 قا كەلگەندە تېمپېراتۇرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. چۈجىلىرىنىڭ يەم - بوغۇزىدا ئاق ئاشلىق ئاساس قىلىنىدۇ، كۈنىگە4 −6 قېتىم يەم بېرىلىدۇ ھەمدە دائىم سۈزۈك پاكىز سۇ بېرىلىدۇ.
چىشى كۈركە توخۇ50 كۈنلۈك، ئەركەك كۈركە توخۇ64 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن يېتىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلارنى چۆپلۈك ياكى مەيدانغا قويۇۋېتىپ بېقىشقا بولىدۇ.
كۈركە توخۇنىڭ يېمەكلىكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، زىرائەت دانلىرى، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى، چىڭسەي، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، تاتلىقياڭيۇ، سەۋزە، كېپەك قاتارلىقلارنى بېرىشكە بولىدۇ. سەككىز ئاي بولغاندا ئۇلار يېتىلىدۇ، چىشى كۈركە توخو تۇخۇملاشقا باشلايدۇ، ئادەتتە يىلىغا80 دانە ئۆپچۆرىسىدە تۇخۇملايدۇ، چۈجە چىقىرىش نىسبىتى % 90ئەتراپىدا بولىدۇ، تاۋار كۈركە توخۇنى8 −9 ئاي باققاندىن كېيىنلا بازارغا سېلىشقا بولىدۇ.