UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىمېۋىلىك دەرەخنى ئۇلىمىسا تاتلىق بولمايدۇ

مېۋىلىك دەرەخنى ئۇلىمىسا تاتلىق بولمايدۇ

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى «مېۋىلىك دەرەخنى ئۇلىمىسا مېۋىسى تاتلىق بولمايدۇ»، «ئوبدان ئۆكۈز بېقىشتىن كېلىدۇ، ياخشى مېۋە ئۇلاشتىن»، «ئالمىنى ئۇلىمىساڭ مېۋىسى چوڭ بولماس» دېگەندەك ماقاللار مېۋىلىك دەرەختىن ئوبدان مېۋە ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلاش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قەدىمكىلەر مېۋىلىك دەرەخنى ئۇرۇق ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆپەيتىشنى سىناق قىلىپ، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەلا سورتلىرىنى تاللىغانغا ئوخشاش سۈپىتى ئەڭ ياخشى مېۋىلەرنى تاللاپ چىقىپ ئۇرۇقىنى ئېلىپ تېرىپ ئۆستۈرگەن. نەتىجىدە، بۇ دەرەخلەردىن بىرەر تۈپىمۇ ئانا دەرەختەك ئۇنداق سۈپەتلىك مېۋە بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئوخشاش10 تۈپى10 خىل بولۇپ چىققان. ئەسلىدە ياخشى مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سورتى ساپ بولمايدۇ، مېۋىلىك دەرەخ سىرتتىن چاڭلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى مېۋىنىڭ ئۇرۇقىدا تۈرلۈك ئېرسىيەت ئالامەتلىرى بولىدۇ، ئەلا سورتلۇق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇرۇق ئارقىلىق كۆپەيتىش ئويىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇلاپ كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان. ئۇلىنىدىغان كۆچەتنىڭ ئۇلاق تۈۋى ئۇرۇقتىن كۆپىيىدۇ، ئالمىنىڭ ئۇلاق تۈۋى ئادەتتە قۇمئالما، تاشئالما قاتارلىقلاردىن تاللىنىدۇ؛ ئۇلاقلىق ئەلا سۈپەتلىك مېۋە كۆچەتلىرىنىڭ نوتىلىرىدىن ئېلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، مېۋە كۆچىتى چوڭ بولغاندىن كېيىن ياخشى مېۋە بېرىپ، ئۇلاقلىق ئېلىنغان ئانا كۆچەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۈ گۈنكى باغۋەنلەر ئۇلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىۋالدى، باغدىكى مېۋە بېرىدىغان بارلىق كۆچەتلەر ئۇلاش ئارقىلىق كۆپەيتىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ھازىر بازاردىكى مەيلى ئالما، ياڭاق بولسۇن ياكى ئۈزۈم، نەشپۈت، ئاپېلسىن، بانان بولسۇن ھەممىسىلا تەمى ئېسىل ئەلا سۈپەتلىك سورتلار بولۇپ قالدى، ئۇلار ئەسلىدە قىممەت باھالىق ئەتىۋارلىق سورتلار ئىدى، ھازىر بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى