ئاق مور
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئاق مور كۈمۈشتەك ئاق، چىنىدەك چوڭ بولۇپ، شەكلى باراقسان ئېچىلغان جۇخارگۈلگە ئوخشايدۇ.
ئاق مورنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، يېلىم ماددىسى، فوسفور، تۆمۈر ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار مول بولۇپ، مەنپىيلىككە مەنپەئەت قىلىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى نەمدەش، روھنى ئۇرغۇتۇش، قان تولۇقلاش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەي رولىنى كۈچەيتىش، تېتىكلەشتۈرۈش قاتارلىق رولى بار. كىشىلەر قەدىمدىن تارتىپ ئۇنى قىممەتلىك قۇۋۋەت بۇيۇمى ئورنىدا كۆرۈپ كەلدى ھەمدە ئۇنى كۆپ خىل كېسەللەرنى قوشۇمچە داۋالاشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك دەپ قاراپ كەلدى.
ئېلىمىزدە ئاق مور سىچۇەن، فۇجيەن، گۇيجۇ، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ. تەبىئىي ئاق مور ئېگىز تاغلاردىكى جىلغىلاردا ئۆسىدۇ. تاغ ساپىيومى، قاتتىق دۇب، تەيۋەن ئاكاتسىيىسى، مىچۇ تېرىكى قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر ئۆلۈپ چىرىگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق كىلىمات ۋە نەملىككە يولۇقسا، ئاق مور زەمبۇرۇغى يوشۇرۇنغان جايىدىن تەبىئىي ھالدا ئۈنچىدەك تەبىئىي مور ئۆسۈپ چىقىدۇ. تەبىئىي مورنىڭ مەھسۇلاتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئاز ئۇچرايدۇ ھەم باھاسى قىممەت.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېلىمىزدە سۈنئىي ئۆستۈرۈش باشلانغانىدى، ھازىر كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولدى.
ئاق مورنى سۈنئىي ئۆستۈرۈشتە كۆپىنچە ياغاچ پارچىسىدا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇنىڭدا مۇۋاپىق كېلىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخنى تاللاپ كېسىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇ توغراپ پارچە - پارچە قىلىنىپ تېرىلىدۇ. تۈرلۈك دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن چىققان كېرەكسىز ماتېرىياللار مەسىلەن، ھەرە كېپىكى، رەندە قىرىندىسى، شېكەر قومۇشى تىرىپى، چىگىت پوستىكى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق خام ماتېرىيال قىلىپ، ئۇنىڭغا باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى قوشۇپ ئۆستۈرۈش خۇرۇچى تەييارلاپ، قۇتىدا ياكى خالتىدا ئۆستۈرۈلسىمۇ بولىدۇ. ئىلمىي پەرۋىش شارائىتىدا تېرىلىپ30 −40 كۈندە يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن15 كۈن ئۆپچۆرىسىدە يەنە بىر قېتىم يىغىۋېلىشقا بولىدۇ، بىراق بۇ چاغدىكىسىنىڭ شەكلى كىچىكلەپ، سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئاق مورنى جۇڭيى دورىلىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ، ئۆزىنىلا ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئەل ئىچىدە «ناۋات سېلىنغان ئاق مور شورپىسى»، «دۈملەنگەن ئاق مور شورپىسى»، «ئاق مور توخۇ شورپىسى»، «ئاق مور ئۇمىچى» قاتارلىقلار بىلەن نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېقىندىن بۇيان، مېدىتسىنا ئالىملىرى ئاق موردىكى پولىساخارىدنىڭ ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش رولى بارلىقىنى بايقىدى، بۇ ئاق مور ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال يارىتىپ بەردى.