سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇ بۇلغۇنى بېقىش
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
بۇلغۇن تېرىسىدە ئىشلەنگەن كىيىم - كېچەكلەر سالاپەتلىكلىكى، كۆركەملىكى، پارقىراقلىقى، يۇمشاقلىقى ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن مەشھۇر. بۇلغۇن يېغى ئالىي يۈز مېيى ئىشلەشتىكى ئەڭ ياخشى خام ماتېرىيال، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن تەييارلانغان بۇلغۇن يۈرەك كۇمىلىچى، بۇلغۇن قامچىسى ھارىقى يەنە ئالىي دەرىجىلىك قۇۋۋەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.
بۇلغۇن ئەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان جايلاردىكى سۇغا يېقىن جايدا ياشايدىغان جانىۋار. ئۇنىڭ جۇغى چوڭ ئەمەس، بىراق ۋەھشىيرەك بولۇپ، بېلىق، راك، پاقا، يىلان، چاشقان، ياۋا توشقان ۋە قۇش تۈرىدىكىلەرنى تۇتۇپ ئوزۇق قىلىدۇ. ئەركەك بۇلغۇن2 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىدە، چىشى بۇلغۇن1 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. دۇنيا بويىچە30 نەچچە دۆلەتتە سۈنئىي ئۇسۇلدا بۇلغۇن بېقىلىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزدە1956 - يىلىدىن ئېتىبارەن سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇ بۇلغۇنى بېقىلىۋاتىدۇ، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا كېڭەيدى.
ئاساسلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك بۇلغۇن تېرىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇلغۇن بېقىلىدۇ، شۇڭا بۇلغۇن نەسلىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە بۇلغۇنغا بالدۇر تۇغۇلغان بولۇش، يېتىلىشى ياخشى بولۇش، جۇغى چوڭ بولۇش، تۇغۇت نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، ئىرسىيەت خاراكتېرى مۇقىم بولۇش، يۇڭ - تېرىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇش، چىشى بۇلغۇننىڭ پەرۋىش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش تەلىپى قويۇلىدۇ. ئەركەك بۇلغۇن بىلەن چىشى بۇلغۇننى ئايرىپ بېقىش، ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋاقتىنى ياخشى ئىگىلەش، كۆڭۈل قويۇپ بېقىش لازىم.
بۇلغۇنغا بېلىق، كالا گۆشى، ئات گۆشى، چوشقا گۆشى، توشقان گۆشى ھەمدە ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئوزۇق قىلىپ بېرىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا كۆممىقوناق پاراشوكى، بۇغداي كېپىكى، بەسەي، سەۋزە ھەمدە ياۋا كۆكتاتلارنىمۇ ئوزۇق قىلىشقا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئوزۇقلۇقى تولۇق، سۈپىتى مۇقىم بولغان دانچە يەم - خەشەك ئىشلىتىش كېرەك.
ئادەتتە شۇ يىلى باققان بۇلغۇننىڭ تېرىسىنى شۇ يىلى ئېلىشقا بولىدۇ. تىمەن بۇلغۇننىڭ تېرىسى ئىنتايىن تەكشى، تىۋىتى ئىنچىكە، قىسقا ھەم قويۇق، پارقىراق كېلىدۇ.