UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىخىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش

خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى يوقىتىش2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدەTDD نى ئىشلىتىشتىن باشلانغان. ئەينى چاغدا ھەرقايسى ئەل ئارمىيىلىرى يىراققا يۈرۈش قىلغاچقا، شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئەسكەرلەر يۇيۇنالماي بەدىنىنى پىت بېسىپ كەتكەن. پىتنى يوقىتىش، ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەر TDD نى بىۋاسىتە بەدەنگە ئىشلەتكەن. نەتىجىدە، پىت ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، بەدەننى زەھەرلىشى تۆۋەن بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورگانىك خلوردىن ئىشلەنگەن ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى ۋەكىللىكىدىكى سىنتېتىك خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى ناھايىتى تېزلا ئومۇملاشقان. TDD بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيادا خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئومۇملاشقۇچىلىك20 يىللا ۋاقىت كەتتى، بۇ جەرياندا ھاشارات يوقىتىش دورىسى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەندىن باشقا، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى، ياۋا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى، چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسى قاتارلىقلارمۇ بارلىققا كەلدى، بۇلار ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى. نەچچە ئون يىل ئىچىدە دورىنى كىچىك تىپتىكى قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان پۈركۈگۈچتە تۇمانلىتىپ چېچىشتىن كەڭ كۆلەملىك ئايروپىلان ئارقىلىق چېچىشقىچە خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلدى. ئەمما، خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى كېسەللىك ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسانلارغا سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاپەت ـــ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېلىپ كەلدى.1962 - يىلى ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى لېچىئىر كارسون يازغان «تىمتاس باھار» دېگەن كىتاب ئىنسانلارغا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى. بۇ كىتابتا خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغانلىقى ئېچىپ بېرىلگەن ھەمدە خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ كۈشەندىلەرنى يوقىتىپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغانلىقى؛ مەلۇم بىر خىل دېھقانچىلىق دورىسىنى كۆپلەپ ئىشلەتكەندە نۇرغۇن كېسەللىك ھاشاراتلىرىدا كېسەلگە قارشى تاقابىلچانلىق پەيدا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. كىشىلەر بارغانسېرى خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشقا بەك تاينىۋېلىۋاتقان ئەھۋالدا، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش ئەمەلىي ئەھۋالى توساتتىن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ، خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشقا قايتىدىن باھا بېرىشكە باشلىدى. TDD،666 قاتارلىق ئورگانىك خلورلۇق ھاشارات يوقىتىش دورىلىرىنىڭ قالدۇق ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، يېمەكلىكتە ئاسان قېپقېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا خەلقئارادا ئالدى - كېيىن بولۇپ20 نەچچە دۆلەت ئۇنى ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلدى.1983 - يىلىدىن باشلاپ ئېلىمىزدىمۇ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېڭى بىر ئەۋلاد ھاشارات يوقىتىش دورىسى − سىنتېتىك پرىترېن تۈرىدىكى ھاشارات يوقىتىش دورىلىرى بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش مىقتارى ئاز، دورا ئۈنۈمى كۈچلۈك، ھاشارات يوقىتىش دائىرىسى كەڭ، زەھىرى تۆۋەن، ئادەم، چارۋىلار ئۈچۈن بىخەتەر بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن قالدۇقلۇق دېھقانچىلىق دورىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش يېڭى قىياپەت بىلەن قايتىدىن تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن قالدۇقلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىملار يەنە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنى كۆپ خىل ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشكە، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىشقا چاقىردى.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى