UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىيازدىكى قۇرغاقچىلىق

يازدىكى قۇرغاقچىلىق

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى قۇرغاقچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە پەيدا قىلىدىغان زىيىنىنىڭ كۆلىمى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، زىيىنى ئالاھىدە ئېغىر بولىدۇ. كونا جۇڭگودا «ئوتتەك ئاپتاپ قىزدۇرۇپ زېمىننى، كۆيدۈردى دالىدىكى پۈتكۈل گىياھنى» دېگەندەك پاجىئەلىك مەنزىرە دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. قۇرغاقچىلىق ئادەتتە تۇپراق قۇرغاقچىلىقى ۋە ئاتموسفېرا قۇرغاقچىلىقى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، تۇپراق قۇرغاقچىلىقى ئۇزاق ۋاقىت ھۆل - يېغىننىڭ بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغىرىش شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا تۇپراقتا زىرائەتلەر سۈمۈرەلەيدىغان ھېچقانداق سۇ قالمايدۇ، يازدىكى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، نەملىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغان مۇھىتتا تۇپراقتىكى سۇنىڭ پارلىنىشى ۋە زىرائەتنىڭ پارلاندۇرۇش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ «كىرىم - چىقىمى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ» - دە، زىرائەتنىڭ ئۆسۈشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئاتموسفېرا قۇرغاقچىلىقى قۇرغاق شامال ياكى قۇرغاق ئىسسىق شامال دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇمۇ بىر خىل يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن نەملىك بىلەن بىرقەدەر يۇقىرى شامال سۈرئىتى بىرلەشكەندىكى ھاۋا رايى ھادىسىسى. گەرچە بۇ چاغدا تۇپراقتىكى سۇ ئاز بولمىسىمۇ، لېكىن ھاۋا ئىنتايىن قۇرغاق بولغاچقا، زىرائەت زور مىقداردىكى سۇنى پارلاندۇرۇۋېتىپ، يىلتىز قىسمى سۇنى تولۇق سۈمۈرەلمەيدۇ ۋە تولۇقلىيالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن زىرائەت تېنىدىكى نورمال سۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئادەتتە، مۇسسۇن كىلىماتلىق رايونلاردا قۇرغاقچىلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئېلىمىز مۇسسۇن كىلىماتى روشەن دۆلەت، قۇرغاقچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2006 - يىلىدىن مىلادىي1949 - يىلىغىچە ئېلىمىزدە نەچچە مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولغانىكەن. يازدىكى قۇرغاقچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىشتە ئاساسلىقى ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش، ئېتىزلارنىڭ سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۇنى مۇۋاپىق ساقلاش ۋە پىلانلىق ئىشلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سورتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاش، بىنەم زىرائەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، پەرۋىش تەدبىرى جەھەتتە پۈركۈپ سۇغىرىش، كولتىۋاتسىيە قىلىپ ئوت - چۆپ يوقىتىش ۋە ئۈستىنى يېپىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار تەدبىر، ئەلۋەتتە. سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر ياغدۇرۇش ھاۋا رايىنى سۈنئىي كونترول قىلىش، قۇرغاقچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئۈنۈملۈك يول، بىراق سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر ياغدۇرۇشنىڭ كۆلىمى كىچىك، تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، قىسمەن رايونلاردىلا قوللىنىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى