ئۆزگىچە »كۆكتات زاۋۇتى»
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
كىشىلەر دائىم «بېلىق سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، زىرائەت تۇپراقتىن» دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، زامانىۋىلاشقان كۆكتات زاۋۇتىدا ئازراقمۇ تۇپراق كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇ يەردە ماشىنىنىڭ ئالاھىدە ئىشلەنگەن يەتكۈزۈش تاسمىسىنى ئاستا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەتكۈزۈش تاسمىسىدا كۆكتاتلارنىڭ يىلتىز تارتىپ يوپۇرماق چىقىرىپ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
تۇپراق بولمىسا كۆكتات قانداق ئۆسىدۇ؟ ئەسلىدە كۆكتات زاۋۇتىدىكى يەتكۈزۈش تاسمىسى ئۈستىگە «ئوزۇقلۇق تەخسىسى» قويۇلغان بولۇپ، كۆكتات ئۇرۇقى ئوزۇقلۇق تەخسىسىدە بىخلىنىپ يىلتىز تارتىپ، تۈپ بولۇپ ئۆسىدۇ؛ يەتكۈزۈش تاسمىسى ئاستىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى لىق قاچىلانغان ئوقۇر بولۇپ، يىلتىز سىستېمىسى يەتكۈزۈش تاسمىسىدىن ئۆتۈپ، ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىدىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ، كۆكتاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل «سۇدا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى» ياكى «تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى ئامېرىكىلىق بىر دېھقانچىلىق ئالىمى1929 - يىلى ئىختىرا قىلغان. ئەينى چاغدا ئۇ سۇ ئېرىتمىسىدە7 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر تۈپ پەمىدۇرنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ بىر تۈپ پەمىدۇردىن14 كىلوگرام پەمىدۇر يىغىۋالغان، بۇ مۇۋەپپەقىيەت20 - ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايقاشلارنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان.70
- يىللارنىڭ باشلىرى دانىيىدە تۇنجى كۆكتات زاۋۇتى قۇرۇلغان. زاۋۇت ئىچىدە تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ ھەمدە سۇ ئاققۇزۇش مەشغۇلات ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئوزۇقلۇق تەخسىسى يەتكۈزۈش تاسمىسىدا تاق يۆنىلىش بويىچە گورىزونتال سۈرۈلىدۇ، بىرىنچى، ئىككىنچى كۈنلىرى ئۇرۇق ئوزۇقلۇق تەخسىسىدە بىخلاندۇرۇلىدۇ، بۇ باسقۇچتا يورۇقلۇق بولمىغاچقا، بىخلاندۇرۇش قاراڭغۇ ئۆيى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن،2 مىللىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەن بىخ يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق ئەينەكلىك پارنىكقا يوللىنىپ، كۈن نۇرىنى كۆرۈشكە باشلايدۇ، بۇ چاغدا قۇياش نۇرى ئارقىلىق يورۇتۇش ۋە چىراق نۇرى ئارقىلىق قوشۇمچە يورۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئارقىدىنلا بىرنەچچە «سېخ» يىلتىز قىسمىغا بېسىم بېرىش، نەملىك تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش، مۇھىتنى كونترول قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كۆكتات پارنىكتىكى پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ بولۇپ، يەتكۈزۈش تاسمىسىدىن ئايرىلغاندا چوڭ - كىچىكلىكى تەكشى، رەڭگى ياپيېشىل يۇمران كۆكتاتقا ئايلىنىدۇ. ئەگەر پەمىدۇر، تەرخەمەك تۈرىدىكى كۆكتاتلار بولسا مېۋىلىرى چوڭ، رەڭدار بولۇپ كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ئۇنى ئوراپ - قاچىلىغاندىن كېيىن بازارغا سېلىشقا بولىدۇ.