UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىجۈفېڭ ئۈزۈمى

جۈفېڭ ئۈزۈمى

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ئۈزۈم، ئاپېلسىن، بانان، ئالما دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋە. جۈفېڭ ئۈزۈمى ئۈزۈمزارلىقتىكى بىر مەرۋايىت. ئۇنىڭ دانىسى ئالاھىدە چوڭ، شىرنىلىك، تەملىك، ئوزۇقلۇقى مول بولۇپ، تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى15 −30 پىرسەنتكە يېتىدۇ، ئۇنىڭدىكى شېكەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئادەم بەدىنى بىۋاسىتە سۈمۈرەلەيدۇ. جۈفېڭ ئۈزۈمى باشقا ئۈزۈم سورتلىرىغا ئوخشاش قەلەمچە تىكىپ كۆپەيتىلىدۇ، تىكىلگەن يىلى شاخ چىقىرىپ، ئىككىنچى يىلى مېۋىلەشكە باشلايدۇ، ئۈچىنچى يىلى مول ھوسۇل بېرىدۇ، مېۋە بېرىش يېشى50 −100 يىلغىچە بولىدۇ. ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى مېۋىلەر ئىچىدە ئاز ئۇچرايدۇ. جۈفېڭ ئۈزۈمىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى ئېدىرلىق، دەريا ۋادىلىرى، قۇم ساھىلى، ھويلا -ئاراملاردا ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇنىڭغا باراڭ ياساپ بېرىلسىلا يامىشىپ ئۆسۈپ، شاخ، يوپۇرماقلىرى باراقسانلىشىپ چېچەكلەپ مېۋىلەيدۇ. جۈفېڭ ئۈزۈمىنى باغ قىلىپ ئۆستۈرۈشكىمۇ، پارچە - پۇرات تىكىشكىمۇ، دېرىزە تەكچىسى، سۇپىلاردا تەشتەكتە ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ تۇپراققا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، تۇپراقنىڭ سۇنى ھەيدەش شارائىتى ياخشى بولسىلا، يۈزىدە قېلىنراق تۇپراق بولغان قۇمساڭ يەردە تىمەن ئۆسەلەيدۇ، تىكىلگەندىن كېيىن باراڭ ياساش ھەمدە چاتاپ رەتلەش كېرەك، ئۇنىڭ سۇ، ئوغۇت شارائىتىغا بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى، يۇمران كۆچەت مەزگىلىدە ئازوتلۇق ئوغۇتنى كونترول قىلىپ، فوسفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇتنى كۆپەيتىپ بېرىش، يىلىغا4 −5 قېتىم ئوغۇتلاش كېرەك، جۈفېڭ ئۈزۈمى سۇ خالىمايدۇ، ئادەتتە ئۈزۈمزارلىق سۈيىنىڭ چىقىپ كېتىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇمۇ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەدبىرى.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
جۈفېڭ ئۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki