UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىئېگىز تاغدا ئۆسىدىغان كۆكتات

ئېگىز تاغدا ئۆسىدىغان كۆكتات

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى «ئېگىز تاغ كۆكتاتى»نى ئۆستۈرۈش ئېلىمىز كۆكتات پەرۋىشىنىڭ يېڭى يولى. ئەڭ دەسلىپىدە پەمىدۇر ئېگىز تاغقا تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن. يازدا تاغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۈزلەڭلىكنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، تۈزلەڭلىكتە تومۇز ئىسسىق تۈپەيلىدىن ئۆسۈشكە باب كەلمەيدىغان پەمىدۇر ئېگىز تاغدا باراقسان ئۆسۈپ چېچەكلەپ مېۋە بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن پەمىدۇردىن كېيىن تۈرلۈك كۆكتاتلار ئارقا - ئارقىدىن ئېگىز تاغلارغا كۆچۈرۈلۈپ ماكانلاشتۇرۇلغان. ئادەتتە تۈزلەڭلىكتە ئۆستۈرگىلى بولىدىغان كۆكتاتلار ئېگىز تاغلاردىمۇ ئەي بولالايدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئېگىز تاغدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، چۈنكى ئۇ جايلاردا ئادەم ئاز، ئورمان قويۇق، سۇ سۈزۈك، ھاۋا ساپ بولۇپ، شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىكىدەك بۇلغىنىش يوق؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېگىز تاغ كىلىماتىنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، ئۆسۈملۈكنىڭ ئوزۇقلۇق توپلىشىغا باب كېلىدۇ. بولۇپمۇ تۈزلەڭلىكلەردە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، كۆكتات كەمچىل پەسىلدە ئېگىز تاغ كۆكتاتلىرى بازارغا چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۈزلەڭلىكتىكى ئاھالىلەر كۆكتات ئاز پەسىلدىمۇ يېڭى كۆكتاتلارنى يېيەلەيدۇ. ئېگىز تاغ كۆكتاتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە تېمپېراتۇرا، سۇ، يورۇقلۇق قاتارلىق ئامىللارنىڭ پەرقىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇۋاپىق تېرىش پەسلىنى ئىگىلەش كېرەك. ئادەتتە، ھاۋا تېمپىراتۇرىسى دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ھەر100 مېتىر ئەتراپىدا ئېگىزلىگەندە، تېمپېراتۇرا ℃1 تۆۋەنلەيدۇ. ئېگىز تاغ بىلەن تۈزلەڭلىكنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرا پەرقى كۆكتاتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئۆسۈشكە باپ كېلىش مەزگىلىنى1 −2 ئاي كېچىكتۈرىدۇ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئۆسۈشكە باب كېلىش مەزگىلىنى بىر ئاي ئۆپچۆرىسىدە ئالدىغا سۈرىدۇ، مانا بۇ تۈزلەڭلىكتىكى كۆكتات قىسلىقىنى تولۇقلايدىغان پايدىلىق شارائىت. ئېگىز تاغقا قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى تۈزلەڭلىكنىڭكىدىن ئاز، كۈچىنىشلىكى تۈزلەڭلىكنىڭكىدىن كىچىك بولغاچقا، قۇياش نۇرىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن جەنۇب، شىمال باغرىلىرىغا يورۇقلۇق ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېگىز تاغ كۆكتاتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە باشقا زىرائەتلەر بىلەن ئىلمىي ئۇسۇلدا ماسلاشتۇرۇپ تېرىپ، يىللىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىرقەدەر يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى