UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىيېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوبيېكتى مەيلى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ قايسىسىلا بولمىسۇن ھەممىسىلا جانلىق ماددا، قوشۇمچە ئىگىلىكنىڭ كۆپ قىسىم خام ماتېرىيالى جانلىقلاردىن كېلىدۇ، شۇڭا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھاياتلىققا ئىگە ماددىلارنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىلىشى دەيمىز. ھەربىر خىل جانلىقنىڭ مۇقىم ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، تاشقى مۇھىتقا قارىتا مۇئەييەن تەلىپى بولىدۇ، ئەگەر شارائىت تەلىپى قاندۇرۇلمىسا ئۇنىڭ مەھسۇلاتىغا تەسىر يېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىكى ئوچۇقچىلىقتىكى ئىشلەپچىقىرىش بولغاچقا، تاشقى شارائىت، بولۇپمۇ كىلىمات شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇچرايدۇ، ھالبۇكى، يەر شارىنىڭ كىلىمات شارائىتى روشەن رايون خاراكتېرلىك ۋە پەسىل خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، تۇپراق شارائىتىمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان رايون خاراكتېرلىك تارقىلىشقا ئىگە بولىدۇ. بۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرقەدەر ئېنىق رايون خاراكتېرىگە، پەسىل خاراكتېرىگە ۋە ئۇدالىققا ئىگە بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكنى بەلگىلىگەن. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شارائىت مەسىلەن، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ قاتارلىق بايلىقلارنىڭ يەر شارىدىكى تارقىلىشىدا روشەن رايون پەرقى بار. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولغاچقا، ئادەتتە بىر يىلدا بىر قېتىملا تېرىشقا بولىدۇ؛ شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمال رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەرقىي شىمالنىڭكىدىن يۇقىرىراق، قىروسىز مەزگىلىمۇ شەرقىي شىمالنىڭكىدىن ئۇزۇنراق، شۇڭا ئادەتتە ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئېلىشقا ياكى بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىشقا بولىدۇ؛ ھالبۇكى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئۆزگىچە بولۇپ، بىر يىلدا كۆپ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ھەر خىل زىرائەتلەر ئۇزاقتىن بۇيان مۇئەييەن مۇھىت ئىچىدە ئۆسكەن بولغاچقا، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا ماسلاشقان، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇغا بولغان تەلىپىمۇ بىرقەدەر مۇقىم بولىدۇ، ئەگەر مۇھىت شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، زىرائەتنىڭ ئېھتىياجى قانمىسا ئۆسۈشى ياخشى بولمايدۇ، ھەتتا يېتىلىش دەۋرىنى تاماملىيالمايدۇ، خۇددى بەزى ئىسسىق بەلۋاغ زىرائەتلىرىنى مۆتىدىل بەلۋاغ ياكى سوغۇق بەلۋاغقا ئېلىپ بارغاندا قىش پەسلىدىكى سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەي توڭلاپ نابۇت بولغىنىدەك ئىش بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ رايون خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بەلگىلىگەن، كىشىلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا ھامان جايلارنىڭ كىلىماتى، تۇپرىقى قاتارلىق تەبىئىي ئامىللىرىنى چىقىش قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرىدۇ. يەر شارىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كىلىماتىدا بىر يىلدا تۆت پەسىللىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەزمەن كىلىمات، شارائىتقا باب كېلىشى كېرەك، دېھقانچىلىق پەسلىگە ئاساسەن تېرىش، پەرۋىش قىلىش، ھوسۇل ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن تاشقى مۇھىت شارائىتىنى ماسلاشتۇرغاندىلا يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇدالىقى جەمئىيەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلىپىنىڭ ئۇدالىقىغا باغلىق؛ كېيىنكى ئەۋلادلارنى قامداش ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۇدا ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلگەچكە، ئالدىنقى ئېڭىز بىلەن كېيىنكى ئېڭىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ۋە تېرىش مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق يەر ئىشلىتىش بىلەن يەرنى مۇنبەتلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ ھەم شۇ يىللىق مول ھوسۇلغا پايدىلىق قىلىش، ھەم كېلەر يىللىق ھەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم يۇقىرى ھوسۇلنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki