بېيجىڭ ئۆردىكى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
بېيجىڭ ئۆردىكى سېمىزلىكى، كۆركەملىكى، گۆشىنىڭ يۇمشاق، تەملىكلىكى بىلەن مەشھۇر، بولۇپمۇ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن «بېيجىڭ ئۆردەك كاۋىپى» جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگىمۇ مەشھۇر. بېيجىڭ ئۆردىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ تېنى تىمەن، ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆسۈشى تېز. يېتىلىشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا مەجبۇرىي يەم بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆردەكنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
بۇ خىل ئۆردەكنى چۈجە مەزگىلىدە بېقىشتا ناھايىتى ئىنچىكىلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە تۇخۇمدىن چىقىپ20 -24 سائەت ئىچىدە يەم يېيىشكە باشلايدۇ، ئالدىنقى يەتتە كۈندە ئاساسلىقى ئۇۋۇتۇلغان گۈرۈچ تامىقى بېرىلىدۇ، بۇنىڭدا ئۇۋاق گۈرۈچ% 70~% 80پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، سۈزۈك سۇ قۇيۇپ ، ئىلەشتۈرۈپ، يۇمشاق ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، بىر كۈندە بىرنەچچە قېتىم بېرىلىدۇ. يەتتە كۈندىن كېيىن پىشۇرۇلغان بۇغداي بېرىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ يېمىگە چىڭسەي، كۆك پۇرچاق قوشۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۆردەك تىرىك جانىۋارلارنىمۇ يەيدۇ، سازاڭ، لاييېگەك، بېلىجان، چېكەتكە قاتارلىقلارنى ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ئۆردەك ئىچىدىغان سۇ پاكىز بولۇشى، يازدا سوغۇق سۇ، قىشتا ئىلمان سۇ بېرىلىشى كېرەك.
ئۆردەك كاتىكى ھاۋا ئالمىشىدىغان، پاكىز، قۇرغاق بولۇشى، تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى، بولۇپمۇ چۈجە چىقىپ20 كۈن ئىچىدە ئۇلارنىڭ غۇژمەك بولۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا، ئىسسىقتىن ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ. چۈجە10 كۈن ئەتراپىدا بېقىلغاندىن كېيىن، مەشىق قىلدۇرۇش شەكلىدە قويۇۋېتىپ بېقىشقا بولىدۇ، ئۆي ئىچىدە بېقىلىۋاتقانلىرىنى مەيدانغا ئاچىقىپ ھەرىكەت قىلدۇرۇش كېرەك. بىر ئايدىن كېيىن ئۆردەك چۈجىسىنىڭ تۆش، قورساقلىرىغا پەي ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆي سىرتىدىكى ھەرىكەت ۋاقتىنى كۆپەيتىپ،ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
بېيجىڭ ئۆردىكى50 −55 كۈنلۈك بولۇپ، ئېغىرلىقى75 .1 −85 .1 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىگە يەتكەندە مەجبۇرىي ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك. ئادەتتە كۈنىگە تۆت قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا175 −450 گرامغىچە يەم بېرىلىدۇ. يېرىم ئاي مەجبۇرىي ئوزۇقلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېغىرلىقى2 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ «بېيجىڭ ئۆردەك كاۋىپى» قىلىنسا، گۆشى يۇمشاق، شورپىلىق ھەم تەملىك بولىدۇ، سېمىز بولسىمۇ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. بېيجىڭ ئۆردىكىنىڭ پەي - تۈكلىرى مامۇق كىيىم - كېچەك، مامۇق يوتقان تىكىشتىكى ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىيال.