سۇلياۋ يوپۇق يېپىلغان ئېتىزلار
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يېنىك، چىداملىق، ئەرزان سۇلياۋ يوپۇق يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. كىشىلەر ئېتىزلارغا ئىنتايىن نېپىز سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ، زىرائەتلەرنى سۇلياۋ يوپۇق تۆشۈكلىرىدىن چىقىرىپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ باراقسان ئۆسكەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ، بالدۇر يېتىلدۈرۈپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتەك مۆجىزىگە ئېرىشتى، بۇ خىل يېڭىچە پەرۋىش ئۇسۇلى سۇلياۋ يوپۇقتا ئۆستۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ، يىلتىز تارتىشىنى تېزلىتىش ياكى يىلتىزىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆستۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرگەندە زىرائەت مەھسۇلاتى %30−%50 كىچە ئاشىدۇ، بەزىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ھەتتا ھەسسىلەپ ئاشىدۇ؛ كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چىۋىلەر مۇددەتتىن10 كۈن ئۆپچۆرىسىدە بالدۇر پىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھسۇلاتلارنىڭ دانىسى يوغان، سۈپىتى ياخشى، يېيىشلىك بولىدۇ.
سۇلياۋ يوپۇق يەر يۈزىگە يېپىلغاندىن كېيىن، تۇپراقنىڭ مۇھىت شارائىتىدا روشەن ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مەھسۇلات ئاشىدۇ. مەسىلەن، قىش، ئەتىياز پەسلىدە رەڭسىز، نۇر ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋ يوپۇقنى ئىشلەتكەندە، تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى ℃2 −℃4 قىچە ئۆرلەتكىلى بولىدۇ؛ ياز پەسلىدە قارا رەڭلىك، كۈمۈش رەڭلىك ياكى سۈت رەڭلىك سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەتكەندە تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سۇلياۋ يوپۇقنىڭ يەنە يەر قۇۋۋىتىنى ساقلاش، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش رولى بار. يەردىكى ئوغۇت سۇلياۋ يوپۇقنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا پارلىنىپ يوقاپ كەتمەيدۇ ھەم يامغۇرنىڭ بىۋاسىتە ئېقىتىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، پۈتكۈل ئۆستۈرۈش پەسلىدە تۇپراق باشتىن - ئاخىر بۇلۇتتەك بوش تۇرغاچقا، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ، شۇنداقلا تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھەرىكىتىگە پايدىلىق بولۇپ، ئورگانىك ئوغۇتلارنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتكەچكە، تۇپراقنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇلياۋ يوپۇق ھىم بولغان يەر يۈزى مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەچكە، ياۋا ئوت - چۆپلەر ئاسانلىقچە ئۈنۈپ چىقمايدۇ. ھاشاراتلارنىڭ زىيانداشلىقىمۇ ئاز بولىدۇ.
ئالىملار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئىگە سۇلياۋ يوپۇقلارنى ئىشلەپ چىقتى. نۇر ئۆتكۈزىدىغان رەڭسىز سۇلياۋ يوپۇق نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇ نۇر ئۆتكۈزىدۇ، تېمپېراتۇرىنى ساقلايدۇ، ھاۋا، سۇنى ئۆتكۈزمەيدۇ، بەلگىلىك نۇر قايتۇرۇش رولى بار. نۇر ئۆتكۈزىدىغان رەڭسىز سۇلياۋ يوپۇققا خىمىيىلىك ياۋا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسىنى قوشقاندا «ياۋا ئوت - چۆپنى يوقىتىش يوپۇقى» غا ئايلىنىدۇ، ئۇنى يەرگە ياپقاندا ياۋا ئوت - چۆپلەر ھايات كەچۈرەلمەيدۇ. كۈمۈش رەڭ سۇلياۋ يوپۇقنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ زىرائەتلەرنىڭ نۇر ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ قىزىقارلىقى كۆكپىت يالتىراپ تۇرغان سۇلياۋ يوپۇقنى كۆرسە ئۆزىنى يىراققا ئېلىپ قاچىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ھاشارات قوغلىغۇچى يوپۇق» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
ئادەتتە سۇلياۋ يوپۇقنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى يىغىۋېلىش ئىنتايىن تەس، ئۇ چىرىمىگەچكە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھىتنى بۇلغايدۇ. ھازىر بىر خىل «ئوزۇقلۇق سۇلياۋ يوپۇق» بارلىققا كەلدى، ئۇ تۇپراقنى تەدرىجىي ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۆستۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىپ، تۇپراقنى ياخشىلىغۇچى دورا ۋە ئوغۇتقا ئايلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدىغان «يېشىل سۇلياۋ يوپۇق»، يورۇقلۇق ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان «يالتىراق سۇلياۋ يوپۇق»، «ئۆز قەرەلىدە پارچىلىنىپ يوقايدىغان ئۆزىدىن تۈگىشىدىغان سۇلياۋ يوپۇق»، ھاۋانىلا ئۆتكۈزۈپ سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان «ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋ يوپۇق»، تۇپراقتىكى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىنى يوقىتىدىغان «باكتېرىيە يوقاتقۇچى سۇلياۋ يوپۇق»، تېمپېراتۇرىنى ئالاھىدە ياخشى ساقلايدىغان «سوغۇقتىن ساقلىغۇچى سۇلياۋ يوپۇق» ھەمدە ھەر خىل مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇقلار بار. كىشىلەر ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەرگە ئىشلىتىپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.