UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىپاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈلىدىغان ئالمىزارلىق

پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈلىدىغان ئالمىزارلىق

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ئالما دەرىخىنى پاكارلاشتۇرۇپ، زىچ ئۆستۈرۈش ئالمىزارلىقتىكى بىر مەيدان ئىنقىلاب بولۇپ، بۇ، دۇنيا ئالما ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئىلمىي ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېگىز باراقسان ئۆسكەن ئالما دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش ئىنتايىن قۇلايسىز، تۇپراقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىشى كېيىن، بىرلىك كۆلەمدىكى مەھسۇلات مىقدارىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئالمىنى بالدۇر پىشۇرۇش، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئالما دەرىخىنى پاكارلىتىپ، زىچ ئۆستۈرۈش كېرەك. چۈنكى، دەرەخ پاكار بولغاندا نۇرغۇن پەرۋىش خىزمەتلىرىنى يەر يۈزىدە تۇرۇپلا ئىشلىگىلى بولىدۇ، يۇقىرىغا يامىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەمگەك كۈچىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغ پەرۋىشىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. دەرەخ گەۋدىسى پاكار، كىچىك بولسا، ئۆسىدىغان ئالما دەرەخلىرى كۆپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بىرلىك كۆلەمدىكى مەھسۇلات مىقدارىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرەخ تاجى ئىچىدىكى شامال ئۆتۈشۈش، يورۇقلۇق چۈشۈش شارائىتى ياخشى، يورۇقلۇق يېتەرلىك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مېۋە بالدۇر پىشىدۇ، مول ھوسۇل بېرىدۇ، ئالمىنىڭ رەڭگى ياخشى، شېكەر تەركىبى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالما دەرىخىنىلا پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈپ قالماستىن، نەشپۈت، شاپتۇل، ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋە كۆچەتلىرىنىمۇ پاكارلاشتۇرۇپ، زور كۆلەمدە زىچ ئۆستۈرۈۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى