UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىشالنىڭ بارلىققا كېلىشى

شالنىڭ بارلىققا كېلىشى

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ھازىر بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان دانلىق ئاشلىقلار، تۆت پەسىلدىكى يېڭى مېۋىلەر ئەسلىدە ئۆزى ئۆسۈپ، ئۆزى تۈگەيدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، شەكلى كۆرۈمسىز بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ناچار ئىدى. تەبىئەتنىڭ10 مىڭ يىللار داۋامىدىكى تاۋلىشى ۋە ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تاللاپ ئۆستۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ھازىرقىغا ئوخشاش كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. بىزگە بىرقەدەر تونۇش بولغان شالنى مىسالغا ئالساق، شالنىڭ ئەجدادى ئەسلىدە ياۋايى شال ئىدى. ئېلىمىزنىڭ يۈننەن، جياڭسۇ، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى سازلىقلاردا ھازىرمۇ يەر ئاستى غولى بار بىر خىل ئۆسۈملۈكنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈك كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەربىر باشىقىدا بىرنەچچە تاللا دان تۇتىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ياۋا ئوت - چۆپلەردەك يامراپ كېتىپ، زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۇنى «گۈيخې» دەپ ئاتىشىدۇ. ھالبۇكى، دەل كىشىنى بىزار قىلىدىغان مۇشۇ گۈيخې ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاشلىق زىرائىتى − شالنىڭ ئەجدادى! ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەت ياۋا شالنى يىغىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى مەقسەتلىك تاللاش ۋە ئاڭلىق تېرىش ئارقىلىق ياۋا شالنىڭ سورت خۇسۇسىيىتىنى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياج يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇردى. مۇشۇنداق يىلمۇيىل «ئەلالىرىنىڭ ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش» ئارقىلىق ياۋا شالنىڭ«ياۋا» لىقى يوقىلىپ، تېرىپ ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان زىرائەت سورتىغا ئايلاندى. شال گۈرۈچ سۈپىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سوقىچاق شال، يۇمىلاق شال، يېپىشقاق شاللارغا ئايرىلىدۇ. ئىنسانلار ئەڭ دەسلىپىدە سوقىچاق شالنى تېرىپ ئۆستۈرگەن، ئۇ6000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. يۇمىلاق شال سوقىچاق شالنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن. يۇمىلاق شال ئەڭ دەسلىپىدە جياڭسۇنىڭ ۋۇشەن ناھىيىسىدىكى ۋېيتىڭ دېگەن جاينىڭ ساۋشيېسەن خارابىلىكىدىن قېزىۋېلىنغان، ئۇمۇ6000 يىللىق تارىخقا ئىگە. يېپىشقاق شالغا كەلسەك، قەدىمىي كىتاب «فەنشېڭ دەستۇرى» دا «3 -ئايدا يۇمىلاق شال تېرىلىدۇ،4 - ئايدا يېپىشقاق شال تېرىلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن، بۇ، يېپىشقاق شالنىڭ يېتىشتۈرۈلگەن ۋاقتىنىڭ ئاز دېگەندە2000 يىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز يەنە ھەربىر تۈر ئىچىدىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە نۇرغۇن سورتلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، شالنى ئۆسۈملۈك دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاينىغان جانلىقلار تۈرىگە ئايلاندۇرغان. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدىكى مەھەللىۋى شال سورتلىرىلا40 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. كىشىلەر يەنە رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى، تەمى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان قىممەتلىك شال سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. گۇاڭدۇڭنىڭ مەشھۇر سىمياۋ گۈرۈچى ۋە چىمېي شېلى، جياڭشىنىڭ گۇڭمي گۈرۈچى قاتارلىقلارنىڭ دېنى ئۇزۇن، رەڭگى پارقىراق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېتىلگەن تاماق يۇمشاق ھەم تەملىك چىقىدۇ. شەنشى، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇنەن قاتارلىق جايلارنىڭ خۇش پۇراق شېلى چېچەكلىگەندىكى خۇش پۇراق ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭدىن ئېتىلگەن غىزانىڭ پۇراقلىق ھىدىمۇ ھەممە يەرنى قاپلايدۇ. بۇلاردىن باشقا بولىيسۈي، جىنجىداۋ، زىمېي، يەنجىچى، سۇنگۇ، فۇلىداۋ قاتارلىقلار بار. بۇ مەشھۇر شال سورتلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر بولۇپ، ئېلىمىز ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى