ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكىدىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگىچە
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
دۇنيا يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇمەن ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكى، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى.
ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكى يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن، بۇ باسقۇچتا ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كۆندۈرۈپ، ئۇلارنى ئەڭ قەدىمكى ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئوزۇق يىغىش، ئوۋ قىلىشتەك بىردىنبىر تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ئەڭ دەسلەپكى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنى بىرقەدەر مۇقىم كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك مەنبەسىگە ئىگە قىلغان، شۇڭا، ماركس مۇنداق دېگەنىدى: «يېزا ئىگىلىكى − پۈتكۈل قەدىمكى زامان دۇنياسىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى». بىراق، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا، ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن تەبىئەتنىڭ شاپائىتىگە تايىناتتى، تەرەققىيات ئىنتايىن جاپالىق ۋە ئاستا ئىدى.
تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق قوراللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى قولدا تۇتىدىغان قوراللار، ئەمگەك كۈچى، چارۋا كۈچى ھەمدە تەبىئىي ئوغۇتلارنى ئاساس قىلىپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى تەدرىجىي ئىگىلەشنى ئالاھىدىلىك قىلدى، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر زور تەرەققىي قىلدى. بىراق، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ياكى يېرىم - يارتا تەمىنلەيدىغان ناتۇرال ئىگىلىككە مەنسۇپ بولۇپ، ماددىي ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە «تۆۋەن سەرپىيات، تۆۋەن سېلىنما، تۆۋەن ھاسىلاتلىق يېرىم بېكىنمە شەكىل» لىك ئايلانما ھالەتتە تۇردى. يەر ۋە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشالمايتتى.
زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان بولغاچقا، ماتورلۇق ماشىنا، خىمىيىلىك مەھسۇلات ۋە باشقا ئىلغار ۋاسىتىلەر كۆپلەپ قوللىنىلدى ھەمدە كەسىپلىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، ئەمگەك - ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى ئۆستى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھەم يېزا ئىگىلىكىدىكى ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ساھەگە يۆتكىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، ھەم سانائەتلىشىش، شۇنداقلا پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى زامانىۋى ئىگىلىكنىڭ يۈكسىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرىگە ئايلاندۇدى.
جايلارنىڭ شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، دۇنيادا يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولى ئومۇمەن ئۈچ تۈرلۈك بولدى: بىرىنچى تۈردىكىلەر، يېرى كەڭ، ئادىمى ئاز، ئەمگەك كۈچى يېتەرسىز، سانائىتى تەرەققىي قىلغان ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسى تەدبىرلىرىگە قاراتتى. ئىككىنچى تۈردىكىلەر ياپونىيىگە ئوخشاش ئادىمى كۆپ، يېرى ئاز دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار مۇھىم نۇقتىنى بىئولوگىيە، خىمىيە تېخنىكىسى تەدبىرلىرىگە قارىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك سورت، خىمىيىلىك ئوغۇت، ئورمانچىلىق ۋە ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۈچىنچى تۈردىكىلەر غەربىي ياۋروپادىكى گېرمانىيە، فرانسىيىگە ئوخشاش سانائىتى تەرەققىي قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار تېرىلغۇ يېرى ۋە ئەمگەك كۈچى يېتەرسىز بولغاچقا، ماشىنىسازلىق تېخنىكىسى ۋە بىئولوگىيە، خىمىيە تېخنىكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا تەرەققىي قىلدۇردى. ئەمەلىيەتتە، ھەرقايسى ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇھىم نۇقتىنى بەلگىلەپ، دۆلىتىنىڭ شارائىتىغا باب كېلىدىغان تۈرلۈك تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەدرىجىي زامانىۋىلاشتۇردى.