يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يېزا ئىگىلىكى − ئىنسانلارنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمىكىنىڭ مەنبەسى، ھاياتلىقنىڭ ئاساسى.
يېزا ئىگىلىكىنى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. لېكىن، ماھىيەتتىن قارىغاندا، باقمىچىلىق ئۆي قۇشلىرى ۋە ھايۋانلار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇشىلا، خالاس، تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار يېمەكلىكىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ ھەممىسى يېشىل ئۆسۈملۈكنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئاتسىمىلياتسىيە قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەگەر، يېشىل ئۆسۈملۈكنى مۇرەككەپ «يېزا ئىگىلىك زاۋۇتى» غا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ خىزمىتى قۇياش نۇرى، ئىسسىقلىق، سۇ، ھاۋا، ئوغۇت قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئىنسانلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان پاختا، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، ماي، گۆش، سۈت، تۇخۇم، كۆن، يۇڭ قاتارلىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
بىز ئۇچىمىزغا كىيىۋاتقان پاختا رەخت، يىپەك كىيىملەر، جۇۋىلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 -ئەسىردە ئالېكساندر يىراققا يۈرۈش قىلغاندا ساكىس قوشۇنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تېرىدىن، ئاسسورىيىلىكلەر كەندىر چىگىسىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كىيگەن، يالغۇز ھىندىستانلىقلارلا پاختا رەختتىن كىيىم كىيگەن. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا ھىندىستانلىقلارلا كېۋەز تېرىشنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ كىيىنىشىدىكى پەرقنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينە زەر، ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن كەلگەنلىكى ئورتاقلىققا ئىگە.
بىز يەۋاتقان نەرسىلەر مەيلى ئاددىي تائاملار بولسۇن ياكى مەززىلىك نازۇ - نېمەتلەر بولسۇن ھەممىسى يېزا ئىگىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىپتىدائىي دەۋرلەردە زېمىن كەڭ، ئادەم ئاز بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز يېمەكلىك يىغىش، بېلىق تۇتۇشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلالايتتى دېسەك، ئۇنداقتا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە يەر شارىنىڭ5 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىنى بېقىشىغا ئەگىشىپ، تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىكى بولمىسا قورساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
يەنە ئۆي - ئولتۇراق، يۈرۈش - تۇرۇشنى ئېلىپ ئېيتساق، مەيلى ئۆي سېلىشقا لازىملىق ياغاچ ماتېرىيال، ئاپتوموبىل بالونى ياساشقا لازىملىق كاۋچوك بولسۇن ياكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن يېزا ئىگىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. دەل - دەرەخنىڭ مۇھىتنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداش جەھەتتە ئوينايدىغان رولىغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ.
ئىنسانلار يېزا ئىگىلىك پائالىيىتى ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيىسىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلانغىلى بولىدىغان شەكىلگە ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى، بۇنى باشقا ھەرقانداق يول ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.