چاي
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئېلىمىز چاينىڭ ماكانى، قەدىمكى زامانلاردىلا دېھقانچىلىق پىرىنىڭ گۈل - گىياھلارنى تېتىپ كۆرۈپ72 خىل زەھەردىن زەھەرلەنگەنلىكى، چاي بىلەن زەھەرنى ياندۇرغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەت بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،4000 يىللار ئىلگىرىلا ئېلىمىزدە كىشىلەر چاي ئارقىلىق كېسەل داۋالىغان. «دېھقانچىلىق پىرى تۈزگەن ئۆسۈملۈك دورىلار دەستۇرى» دىكى چاي يوپۇرمىقىنى يىغىشقا دائىر خاتىرىلەر2000 يىل ئىلگىرىلا قەدىمكى زامان ئەمگەكچى خەلقىنىڭ چاي يوپۇرمىقى يىغىشقا باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مىلادىيە758 - يىلى تاڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن لۇيۈ دۇنيا بويىچە چاي ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر تۇنجى ئىلمىي ئەسەر − «چاي دەستۇرى» نى يازغان، كېيىنكىلەر ئۇنى «چاي ئىلاھى» دەپ ئاتىغان.
چاي ئېلىمىزدىن ئەڭ بۇرۇن ياپونىيىگە تارالغان. مىلادىييە805 - يىلى زۈيدېڭ ئىسىملىك ياپونىيىلىك راھىب جۇڭگودىن چاي ئۇرۇقىنى ئېلىپ كېتىپ، زىخې ناھىيىسىدە تېرىغان، ئۇزاق ئۆتمەي ياپونىيىگە ئومۇملاشقان.13 -ئەسىردىن كېيىن چاي ئىچىش ئادىتى ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا تارالغان،17 -ئەسىردە ياۋروپا ۋە ھىندونېزىيىگە تارالغان. ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ «چاي» دېگەن خېتىنىڭ تەلەپپۇزى ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە «چاي» خېتىنىڭ شامىن ئېنتوناتسىيىسى ۋە گۇاڭدۇڭ ئىنتوناتسىيىسىدىن كەلگەن. چاي خۇددى نادىر دىپلوماتىيە ئەلچىسىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئېلىمىز خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئۇرۇقىنى تېرىماقتا.
چايكارلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد جاپالىق يېتىشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئېلىمىزنىڭ چاي سورتلىرى كۆپ خىللاشتى، چاينىڭ سۈپىتى سەرخىللاشتى. ھازىر پەمىل چاي، يېشىل چاي، گۈل چاي، مەرۋايىت چاي، ئاق چاي، چىڭدالغان چاي قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈرى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە لاڭيۈەنسۇڭلو، خاڭ سەنماۋفېڭ، تەيپىڭخۇكۇ، دۇڭتىڭبىلوچۈن، يۇڭشىخوچىڭ قاتارلىقلار مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە تارقالغان داڭلىق چايلاردۇر. شىخۇنىڭ لۇڭجىڭ چېيى بولسا مىلادىيە900 - يىللىرىلا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭق چىقارغان. نەنجىڭنىڭ يۈخۇا، خاڭجۇنىڭ چىچاڭ، ئەنخۇينىڭ دۈنلۈ، فۇجيەن ۋۇيىنىڭ داخۇاڭپاۋ ھەمدە جياڭشى، جياڭسۇنىڭ يۈنۋۇ چېيى چەت ئەللەردە بازىرى ئىتتىك ئېسىل مەھسۇلاتلاردۇر.