UyghurWiki›يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى›ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتىكى بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش
ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتىكى بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش دېگىنىمىز تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش تەدبىرلىرىنى ئورگانىك ماسلاشتۇرۇپ، كېسەللىك ھاشاراتلىرىنىڭ زىيىنىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك تىزگىنلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش تەدبىرلىرى خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش، بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش، دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش، فىزىكىلىق ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتا بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر باشقا ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئۇسۇللىرىنى، بولۇپمۇ بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشنى قوللىنىش ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپلەپ ئويلىنىدىغان بولدى. بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش دېگىنىمىز، باشقا جانلىقلاردىن پايدىلىنىپ، كېسەللىك ھاشاراتلىرىنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ھاشارات ئارقىلىق ھاشارات يوقىتىش، باكتېرىيە ئارقىلىق ھاشارات يوقىتىش، باكتېرىيە ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقا جانلىقلاردىن، ھاشارات ھورمونىدىن پايدىلىنىش ۋەھاكازالار. ھاشارات ئارقىلىق ھاشارات يوقىتىش دېگىنىمىز، ھاشارات زىيانداشلىقىنى ئۇلارنىڭ كۈشەندىلىرى ئارقىلىق يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ، كۈشەندە ھاشاراتلار تۇتۇپ يېگۈچىلەر ۋە پارازىتلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. سېرىق چۈمۈلە تۇتۇپ يېگۈچى كۈشەندە ھاشارات بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدا بۇ تۈردىكى پايدىلىق ھاشاراتلاردىن ياچىۋەك، يىڭناغۇچ، يەتتە چېكىتلىك خانقىز، ئالتۇنكۆز قۇرت، قارا ھەرە قاتارلىقلار بار.
پارازىت خاراكتېرىدىكى كۈشەندە ھاشاراتلاردىن قىزىلكۆز ھەرە ئەڭ مەشھۇر. قىزىلكۆز ھەرە ئىنتايىن كىچىك ھاشارات بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى3 .0 −1 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ، ئۇنىڭ تومپىيىپ چىققان بىر جۈپ قىزىل مۇرەككەپ كۆزى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قىزىلكۆز ھەرىنىڭ چىشىسى مەخسۇس زىيانداش ھاشارات تۇخۇملىرىنى ئىزدەپ شۇ يەردە پارازىتلىنىپ ئۇنىڭغا تۇخۇملايدۇ. ئۇنىڭدىن چىققان ھەرە لىچىنكىسى ھاشارات تۇخۇمىنى ئوزۇق قىلىدۇ، ھاشارات تۇخۇمىنى يەپ بولغاندىن كېيىن كىچىك ھەرە لىچىنكا مەزگىلىنى تاماملاپ، ھاشارات تۇخۇمى ئىچىدە مىدىرلىماستىن قورچاق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈپ، يېتىلگەن قىزىلكۆز ھەرىگە ئايلىنىدۇ. يېتىلگەن ھەرە تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن جۈپلىشىدۇ، ئاندىن يەنە زىيانداش ھاشارات تۇخۇمىنى تېپىپ پارازىتلىنىدۇ. چىشى قىزىلكۆز ھەرە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن70 نەچچە دانە تۇخۇم چىقىرىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا150 نەچچىنى چىقىرىدۇ. قىزىلكۆز ھەرە زىيانداش ھاشاراتنى ئۇ تېخى زىيان پەيدا قىلالمايدىغان تۇخۇم مەزگىلىدىلا يوقىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش بىرقەدەر ۋاقىتىدا بولىدۇ.
ھازىر كىشىلەر قىزىلكۆز ھەرىنى كۆپلەپ سۈنئىي كۆپەيتىش، بېقىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلىۋالدى. مەسىلەن، دۇب پىلىسى تۇخۇمى ئارقىلىق قىزىلكۆز ھەرىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. زىيانداش ھاشاراتلار كۆرۈلگەندە، نۇرغۇنلىغان يېتىلگەن قىزىلكۆز ھەرىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولىدۇ.
زامانىۋي بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتا ھاشارات ئارقىلىق ھاشاراتنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئۇ بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا، خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر يەنە مىكرو جانلىقلار ئارقىلىق زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، مەسىلەن، كۆپ يادرولۇق مۈڭگۈزسىمان تەن ۋىرۇسى ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر يەنە قۇشلار، پاقا، يىلان، كىرپە قاتارلىق جانىۋارلارنىڭ ھاشاراتلارنى تىزگىنلەش رولىنى تونۇپ يېتىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى پائال تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھاشارات ھورمونى تەتقىقاتىدىمۇ تېز ئىلگىرىلەش بولۇپ، ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسىدىكى قىزىق پەنگە ئايلاندى.