UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈش

ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈش

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى 1927 - يىلى مىللىر ئىسىملىك ئالىم «X» نۇرىنى مېۋە چىۋىنىگە چۈشۈرگەن، نەتىجىدە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى مېۋە چىۋىنىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى بايقالغان، ئەسلىدە «X» نۇرى گېندىكى توساتتىن ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن. ھازىر تۈرلۈك رادىئاكتىپ نۇرلار مەسىلەن، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، «X» نۇرى، تېز نېيترون قاتارلىقلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈنۈم بارلىقى مەلۇم بولدى. بەزى خىمىيىلىك ماددىلارمۇ گېندىكى توساتتىن ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئىرسىيەت گېنى ئەسلىدە نۇكلېئىن كىسلاتا دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مولېكۇلا بولۇپ، ئۇ نۇر ياكى خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، ئىپادىسى بىز كۆرۈۋاتقان جانلىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىكى ئۆزگىرىش (گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى) بولىدۇ. ئالىملار بۇ قانۇنىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تۈرلۈك رادىئاكتىپ نۇر، خىمىيىۋى ماددىلاردىن پىلانلىق پايدىلىنىپ ئۆسۈملۈك گۈل چېڭى، ھۈجەيرىسى ياكى ئۇرۇقىنى بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاندىن بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئۆزگىرىشلەرنى تاللاپ پايدىلاندى، مانا بۇ مۇتاتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىدۇر. مۇتاتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈشتە زور مىقداردىكى توساتتىن ئۆزگەرگەن سورتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئارپىنى رادىئاكتىپ نۇر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندا، قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا ئارپىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا توپلانغان ماتېرىياللار ئىچىدىكى مەلۇم بولغان بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇتاتىسىيە ئۇسۇلىنى قوللانغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلار ئۈچۈن لازىم بولغان گېن بىلەن لازىم بولمىغان گېننى ئايرىۋېتىپ، بىراقلا قوبۇل قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان يامان ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئېلىمىز مۇتاتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئەجدادىدىن30 كۈن بۇرۇن پىشىدىغان «مول - ھوسۇل11 - نومۇر» سېرىق پۇرچاقنى، ئېگىزلىكى70 سانتىمېتىر كېلىدىغان «فېڭفۇئەي» شېلىنى، شال ۋاباسىغا قارشى تۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك «جىڭفۇ3 - نومۇر» شېلىنى، يوللۇق دات كېسىلىگە چىداملىق «يۈەنفېڭ2 - نومۇر» بۇغدىيى قاتارلىقلارنى تاللاپ چىقتى. بۇلار كىشىلەرگە مۇتاتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشنىڭ شانلىق ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈش | UyghurWiki | UyghurWiki