مايمۇنباش زەمبۇرۇغ
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
مايمۇنباش زەمبۇرۇغ خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ كۆرۈنۈشى مايمۇننىڭ بېشىغىمۇ، كىرپىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا، مايمۇنباش - كىرپە زەمبۇرۇغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بولۇپ، ئەزەلدىن ئېيىق تاپىنى، دېڭىز ئادەمگىياھى، ئاكۇلانىڭ دۈمبە پالاقچىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى تۆت چوڭ داڭلىق قورۇما دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئېتى سارغۇچ ئاق، تەمى ئېسىل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ تەركىبىدە راكقا قارشى ماددىلارنىڭ بارلىقى بايقالدى، ئۇ ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىسىنى داۋالاشتا بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نېرۋا ئاجىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بولىدۇ، نۇرغۇن دورا زاۋۇتلىرى ئۇنىڭدىن »مايمۇنباش زەمبۇرۇغ تابلېتكىسى« ياساپ چىقىپ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مايمۇنباش زەمبۇرۇغ ئەسلىدە ئېگىز تاغ، قويۇق ئورمانلار ئىچىدىكى قۇرۇپ قالغان شاخ ياكى قۇرۇپ ئۆلگەن دەرەخ غوللىرىدا ئۆسەتتى،1960 -يىلى سۈنئىي ئۆستۈرۈلۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى. ھازىر ئاساسلىقى قۇتىدا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇلياۋ خالتىدا ئۆستۈرۈش، ياغاچ كېپىكىنى چىڭداپ ئۆستۈرۈش، تەشتەكتە ئۆستۈرۈش ھەمدە ساندۇق، سېۋەتتە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىمۇ بار. ئۆستۈرۈش خام ماتېرىيالى ئۈچۈن ئاساسلىقى ياغاچ كېپىكى، چىگىت پوستىكى، شېكەر قۇمۇشى تىرىپى ئىشلىتىلىدۇ. تېرىلىپ40 كۈندىن كېيىن خالتىلىق سپورا تېنى ئۆسۈپ چىقىدۇ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاندا10 كۈنلەردىن كېيىن يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. يىغىۋالغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئۆستۈرۈپ،10 كۈنلەردىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر پەرۋىش ياخشىراق بولسا ھەربىر قۇتىدىن ئۈچ قېتىم يىغىۋېلىشقا بولىدۇ.