ئاق كەندىر
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئاق كەندىر دۇنيادا «جۇڭگو گىياھسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ قەدىمىي، تالالىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، توقۇمىچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ، ئىنچىكە سىپتا ماتا، كەندىر رەخت، پاشىلىق رەخت توقۇغىلى بولىدۇ؛ پاختا، يىپەك، يۇڭ ھەمدە خىمىيىلىك تالالار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئالىي كىيىم رەختى ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ؛ برېزېنت، سۇ ئۆتمەس رەخت، بالون ئەستىرى، پاراشۇت قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائەت بۇيۇملىرىنى توقۇپ چىقىشقا بولىدۇ.
ئاق كەندىردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كەندىر توقۇلما بۇيۇملىرى قاتلاشماسلىق، پۈرلەشمەسلىك، سالقىن بولۇش ۋە ھاۋا ئۆتكۈزۈشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر پاختا توقۇلما بۇيۇملىرى ۋە خىمىيىلىك توقۇلما بۇيۇملاردا يوق بولغاچقا، خەلقئارا بازاردىكى بازىرى ئىتتىك تاۋار ھېسابلىنىدۇ.
ئېلىمىزدە ئاق كەندىر ئاساسلىقى چاڭجياڭ ۋادىسى ھەمدە جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ جايلارنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، تۇپرىقى مۇنبەت بولغاچقا، ئاق كەندىرنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى. ئاق كەندىر كۆپ يىللىق زىرائەت، تەبىئىي شارائىتتا، ئۇنىڭ يەر ئۈستى قىسمى كۈز ۋە قىش پەسلىدە تەبىئىي قۇرۇپ ئۆلىدۇ، يىلتىزى يەر ئاستىدا قىشتىن ئۆتىدۇ، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا يەنە بىخلىنىپ يېڭى بىخ چىقىرىدۇ.
ئاق كەندىرنى سۈنئىي ئۆستۈرگەندە، توغرا پەرۋىش قىلىش شارائىتىدا بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئاق كەندىر يىلتىزلىتىش ئۇسۇلى، شاخلىتىش ئۇسۇلى، شاخ باستۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ، يىلتىزلىتىش ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاق كەندىرنىڭ ئاينىغان يىلتىزى بىرنەچچە بۆلەك قىلىپ كېسىلىپ، تۇپراققا كۆمۈلسە، بىر تۈپ ئاق كەندىر بىرقانچە تۈپكە ئايلىنىدۇ.