UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىبۆلجۈرگەن

بۆلجۈرگەن

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى بۆلجۈرگەننىڭ ۋىتامىن مىقدارى ئالمىنىڭ7 -10 ھەسسىسىگىچە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە. ئۇ ھەم ئالىي دەرىجىلىك مېۋە، شۇنداقلا ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكى بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار. بۆلجۈرگەن كۆپ يىللىق دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۇغىرىش ئاسان، ئىللىق، يېرىم سايە چۈشۈپ تۇرىدىغان جايلاردا ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدۇ، بەزى جايلاردا باغ ئىچىگە بۆلجۈرگەن كىرىشتۈرۈپ تېرىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم بۆلجۈرگەننىڭ ئېكولوگىيىلىك شەرتىنى قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم مەخسۇس يەر ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۆلجۈرگەن مېۋىلىك دەرەخ ئاستىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈك قەۋىتىنى شەكىللەندۈرگەچكە، سۇ ۋە ئوغۇتنى ساقلاشقا پايدىلىق، ئەگەر پەرۋىش جايىدا بولسا مېۋىدىنمۇ، بۆلجۈرگەندىنمۇ مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بۆلجۈرگەن چېچەكلەپ مېۋە بەرگەندىن كېيىن، شۇ يىلى ئۆسكەن يېڭى غولىدىكى قولتۇق بىخى نۇرغۇن ئۇزۇن ياتما غوللارنى چىقىرىپ، يەرنى بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، غول بوغۇملىرىنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرغان قىسمى يەر ئاستىغا قاراپ تۇراقسىز يىلتىز چىقىرىدۇ، ئۈستىگە يوپۇرماق چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مايسا شەكىللىنىدۇ، بۇ بۆلجۈرگەننى كۆپەيتىپ، مايسا ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق شەكىل. بۆلجۈرگەن مېۋىسى قىزغۇچ سۆسۈن رەڭگە كىرگەندە مۇۋاپىق پەيتتە يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. بىر گۈل تەرتىپى ئىچىدىكى چېچەك ئۇدا ئېچىلىدىغان بولغاچقا، مېۋىنى ئۇدا يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. بىر سورتنىڭ يىغىۋېلىنىش مەزگىلى تەخمىنەن يېرىم ئاي داۋاملىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن - تېخنىكا خادىملىرى بۆلجۈرگەننى يىغىۋېلىش پەسلىنى ئالدىغا ياكى ئارقىغا سۈرۈشكە بولىدىغان بىر خىل يېڭى پەرۋىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىر يىلنىڭ ھەممە پەسلىدە يېڭى بۆلجۈرگەن مېۋىسىنى يېيەلەيدىغان بولدى. بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: سۇلياۋ لاپاس ئارقىلىق تېمپېراتۇرا كونترول قىلىنىپ، بۆلجۈرگەن مۇددەتتىن بۇرۇن پىشۇرۇلۇپ، بالدۇر يىغىۋېلىنىدۇ؛1 - ئاينىڭ باشلىرى ئېتىزدىن بۆلجۈرگەن مايسىسى كولاپ ئېلىنىپ، سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ،0 −2℃ لۇق سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلىنىپ ئۆسۈشى تىزگىنلىنىدۇ. بىر مەزگىل سوغۇق ساقلانغاندىن كېيىن ئېتىزغا كۆچۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىلىشى كېچىكىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، قىپقىزىل بۆلجۈرگەن مېۋىلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە خۇش پۇراق چېچىپ يىل بويى بازاردىن ئۈزۈلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
بۆلجۈرگەن | UyghurWiki | UyghurWiki