يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئۈچ ئاساسىي ھالقا
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشى، ھايۋانات ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرۈش پەرۋىشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئۈچ ئاساسىي ھالقىنى شەكىللەندۈردى.
ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشى − يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى ھالقىسى. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئىنسانلار تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاشلىق، سانائەت خام ماتېرىيالى ۋە چارۋا يەم - خەشىكىگە ئايلاندۇرىدۇ.
ھايۋانات ئىشلەپچىقىرىشى ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ يەنە ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ راۋاجى. ھايۋانلار ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ، ئىنسانلار بىۋاسىتە پايدىلانمايدىغان دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇلارنى گۆش، سۈت، تۇخۇم، ياغقا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باب كەلمەيدىغان جايلاردا چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغاندا تەبىئىي بايلىقتىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك تېنىنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلارنىڭ%90 ~95 ى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە سۇدىن كېلىدۇ، ئۇنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ؛ يەنە %5 ئۆپچۆرىسىدىكىسى تۇپراقتىن سۈمۈرۈلگەن ئوزۇقلۇق بولۇپ، ئۇنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا،تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرۈش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھالقىلارنىڭ بىرى.
چارۋىلارنىڭ قىغى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقى ھەمدە ئوغۇت قىلىشقا بولىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددا، بىراق، ئۆسۈملۈكلەر ئۇلاردىن بىۋاسىتە پايدىلىنالمايدۇ، ئۇلار مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پارچىلىشى ئارقىلىقلا ئۆسۈملۈكلەر سۈمۈرەلەيدىغان ئانئورگانىك ماددىلارغا ئايلىنىدۇ، شۇڭا مىكرو ئورگانىزملار تۇپراق قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئۈچ ئاساسىي ھالقا ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ، ئۇلار فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق مۇھىت بايلىقىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، سۇ ھەمدە تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق ھايۋانلار ئىستېمال قىلغۇچى بولۇپ، بىر قىسىم ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنى ھايۋانات خاراكتېرلىك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار پارچىلىغۇچى بولۇپ، ئۇلار ھايۋانات چىقارغان كاربون Ⅳ ئوكسىد، قىخ ھەمدە ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆلگەن تەنلىرىنى پارچىلاپ ئانئورگانىك ماددىغا ئايلاندۇرىدۇ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئۇنىڭدىن قايتا پايدىلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق تەكرار ئايلىنىش، پارچىلىنىش - بىرىكىش ئارقىلىق جانلىقلار توپى بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىت شارائىتى ئېنېرگىيە بىلەن ماددىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.