چىپار توخۇ
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
چىپار توخۇ ياۋا جانىۋار بولۇپ، ئافرىقىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى چىشى توزغا ئوخشايدۇ، پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى قوڭۇر رەڭدە، پەي ئۈستىگە ئاق رەڭلىك يۇمىلاق توچكىلار تەكشى تارقالغان بولۇپ، بەئەينى چىرايلىق مەرۋايىت كۆڭلەك كىيىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ پەيلىرى كۆركەم، گەۋدىسى كېلىشكەن بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھايۋانات باغچىلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇنى تاماشا قىلىدىغان قۇش تۈرىدە بېقىپ كەلدى.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى كىشىلەر چىپار توخۇنى كۆندۈرۈپ، ناھايىتى ئىستىقباللىق ئۆي قۇشى تۈرىگە ئايلاندۇردى. ھازىر ئائىلىلەردە بېقىلىۋاتقان چىپار توخۇنىڭ كۆپىنچىلىرى قالپاقلىق چىپار توخۇ بولۇپ، بېشى ئىنتايىن كىچىك، بويۇن قىسمىدا بىر تۇتام تۈك بار بولۇپ، كۆرۈنۈشى قەدىمكى زاماندىكى رېتسارلار بېشىغا كىيىدىغان دۇبۇلغىغا ئوخشايدۇ.
چىپار توخۇنىڭ گۆشى تەملىك بولۇپ، يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن مايلىق، ياۋايى جانىۋار تەمىگە ئىگە ئېسىل نېمەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل ئادەتتىكى توخۇلارنىڭكىدىن يۇقىرى، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى باشقا قۇش تۈرلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا »گۆش قۇشلىرى پادىشاھى« دېگەن نامى بار. چىپار توخۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ گۆشى ئالاھىدە قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە ئالىي قۇۋۋەت بۇيۇمى.
چىپار توخۇنىڭ تەبىئەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئادەتتە نۆلدىن تۆۋەن ℃20 − ℃40 تىمۇ نورمال ياشىيالايدۇ، شۇڭا ئېلىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلاردا بېقىشقا باب كېلىدۇ. ئۇنى ھەم توخۇ باققاندەك كاتەكتە بېقىشقىمۇ، ھەم قويۇۋېتىپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل توخۇنىڭ توپ بولۇپ ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، سىرتقا قويۇۋەتكەندە كەچتە ئۆزلۈكىدىن كاتەككە قايتىدۇ. ئۇنىڭ يېمەكلىكى ئادەتتىكى قۇشلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئاساسلىقى كۆممىقوناق، دۇفۇ تىرىپى، بېلىق پاراشوكى، كېپەك، سۆڭەك پاراشوكى، ئاش تۇزى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. ئۇ ھەم يېشىل ئۆسۈملۈك، ياۋا ئوت، يوپۇرماق قاتارلىقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چىپار توخۇنىڭ يەنە قۇمدا ئېغىناش ۋە قونداققا قونۇپ تۇرۇش ئادىتى بار، شۇڭا مەيدان ۋە كاتەك ئىچىگە مۇۋاپىق قۇم تۆكۈپ قويۇش، ياغاچ بىلەن قونداق ياساپ بېرىش كېرەك.
چۈجىسى ئالتە ئاي بېقىلغاندىن كېيىن تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. ئادەتتە بىر مېكىيان يىلىغا150 −160 قىچە تۇخۇم بېرىدۇ، بۇنىڭدىن80 -100 گىچە چۈجە چىقارغىلى بولىدۇ. چۈجىسى3 −4 ئاي ئەتراپىدا بېقىلغاندىن كېيىن ئېغىرلىقى5 .1 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ، بۇ چاغدا تاۋار گۆش چۈجىسى قاتارىدا سېتىشقا بولىدۇ.