مېۋىلىك دەرەخنى چاتاش
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
دېھقانچىلىققا ئائىت ماقاللاردا «كۆچەتكە پەرۋىش قىل، دەرەخنى قىرقىپ تۇر»، «كۆپرەك رەتلەپ چاتاپ تۇرساڭ، مېۋە چۈشەر چاڭگاك - چاڭگاك» دېگەن گەپ بار، بۇ چاتاشنىڭ مېۋىلىك كۆچەت پەرۋىشىدىكى مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق مېۋىلىك دەرەخنى چاتىغاندىلا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مېۋە بېرىدۇ. مېۋىلىك دەرەخنىڭ بىخلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئەگەر ۋاقتىدا چاتالمىسا شاخلار كۆپ بىخ سۈرۈپ، بويىغا زولاپ كېتىپ، ئوزۇقلۇق ئۆسۈشى زىيادە كۈچىيىپ كېتىدۇ، جىنسىي ئۆسۈشى ئاجىزلاپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشى قىيىنلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مېۋىلەش ئادىتى بولىدۇ، نەشپۈت بىلەن ئالما قىسقا شاختا مېۋىلەشنى ئاساس قىلىدۇ، شاپتۇل بولسا ئۇزۇن شاختا ئەڭ ياخشى مېۋىلەيدۇ؛ ئالما كۆچىتىنىڭ كۆپىنچىسى قولتۇق چېچەك بىخىدا مېۋىلەيدۇ، يېتىلگەن كۆچەت بولسا چوققا چېچەك بىخىدا مېۋىلەشكە ئۆزگىرىدۇ. چاتاش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مېۋە شاخلىرىنىڭ دەرەختىكى سەپلىنىشىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىق چاتاش ئارقىلىق دەرەخنىڭ شامال ئۆتكۈزۈش، كۈن نۇرى چۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۆسۈشىنى تەكشىلەشتۈرگىلى، دەرەخنى بېجىرىم، تىمەن قىلغىلى، كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مۇۋاپىق چاتىغاندا يەنە يېڭى شاخلارنىڭ بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كېتىشىنى تىزگىنلەپ، مېۋىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرغىلى، مېۋىنى ئوبدان رەڭ ئالدۇرغىلى، مېۋىنىڭ شېكەر تەركىبى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
مېۋىلىك دەرەخنى چاتاش ئاساسلىقى قىشلىق چاتاش ۋە يازلىق چاتاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىشلىق چاتاش دېگىنىمىز قىش پەسلىدىكى چاتاشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا قىرقىپ شالاڭلىتىش، كېسىپ قىسقارتىش، قويۇۋېتىش، بىخىنى كېسىش، شاخ ئارىلىرىنى كېڭەيتىش، شاخنى ئېگىش قاتارلىق چاتاش تېخنىكىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. قىشلىق چاتاش ئارقىلىق دەرەخنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، مېۋە شېخىنىڭ شالاڭ - زىچلىق دەرىجىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. يازلىق چاتاش دېگىنىمىز ياز پەسلىدىكى چاتاش بولۇپ، بىخلانغاندىن تاكى يوپۇرماق تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىغىچىلىك بولغان چاتاشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە بىخنى ئۈزۈش، ئۇچىنى ئۈزۈش، چاتاش، شاخنى بۇراش، تولغاش، ئويۇپ زەخىملەندۈرۈش، ھالقىسىمان سويۇش، قوۋزىقىنى سويۇش، چېچىكىنى شالاڭلىتىش، مېۋىسىنى شالاڭلىتىش، يوپۇرمىقىنى شالاڭلىتىش، نوتىلىرىنى شالاڭلىتىش قاتارلىق چاتاش تېخنىكىلىرى قوللىنىلىدۇ. يازلىق چاتاشتا ئاساسلىقى ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق، ئادەتتە ئوزۇقلۇق ئۆسۈشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مېۋىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.
مېۋىلىك دەرەخنى چاتاش بىرقەدەر يۇقىرى تېخنىكا بولۇپ، چاتاشنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى شۇ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە دەرەخ تېنىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، چاتاش باغ پەرۋىشىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەت.