UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىگۆشلۈك پاقا

گۆشلۈك پاقا

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى گۆشلۈك پاقا كۇبادىن كىرگۈزۈلگەن، گۆشى ئىستېمال قىلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى پاقا تۈرى بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى1 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ جۇغى چوڭ، ئاۋازى ياڭراق بولۇپ، يىراقتىن ئاڭلىغاندا كالىنىڭ مۆرىشىگە ئوخشايدىغان بولغاچقا، «كالا پاقا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گۆشلۈك پاقىنىڭ گۆشى ئاق ھەم يۇمشاق، يېيىشلىك، ئوزۇقلۇقى مول، ئاسان كۆپىيىدۇ، سۈنئىي بېقىشقا باب كېلىدۇ، ئۇنىڭ ياشاش شارائىتىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، چوڭقۇرلۇقى60 سانتېمېتىر كېلىدىغان، خىمىيىلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلمىگەن سۇ بار ئازگال، ئېرىق قاتارلىقلاردا1 ئاي ئۆپچۆرىسىدە بېقىپ كۆپەيتكىلى بولىدۇ. گۆشلۈك پاقا سەكرەش، ئۆمىلەش، ئۈزۈش، يوشۇرۇنۇشقا ماھىر بولغاچقا، ئاسان قېچىپ كېتىدۇ، باقمىچىلىق مەيدانى ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا پاقا كۆلچىكى، يۇمران پاقا كۆلچىكى، تۇخۇملاش كۆلچىكى، تۇخۇمدىن چىقىرىش كۆلچىكى ۋە قۇمچاق كۆلچىكى ياساش كېرەك. گۆشلۈك پاقا قۇمچىقى سۇدا لەيلەپ يۈرىدىغان جانلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، چوشقا قىغى، كالا تېزىكى، ئادەمنىڭ گەندە - سۈيدۈكى، قۇشخانا ۋە يېمەكلىك زاۋۇتلىرىدىكى تاشلاندۇق نەرسىلەر ياكى كېپەك قاتارلىقلارنى كۆلچەككە تۆكۈپ، سۇنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ كۆپىيىپ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. يۇمران پاقا ۋە يېتىلگەن پاقا گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرىدۇ، چىۋىن قۇرتى تۇتۇش، سازاڭ بېقىش، زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۇنى يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ. گۆشلۈك پاقا بېقىلىدىغان سۇ سۈزۈك بولۇشى لازىم، ئادەتتە بىر ئاي ئىچىدە بىر قېتىم سۇ ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئومۇمەن، سۇ چاي رەڭگىگە ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭگە كىرگەندە، بۇ لەيلىمە جانلىقلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، گۆشلۈك پاقا بېقىپ كۆپەيتىشكە ئەڭ باب كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ قۇۋۋەتلىك سۇ دەپ ئاتىلىدۇ؛ سۇنىڭ رەڭگى ئادەتتىكىدەك، سارغۇچ سېرىق ياكى كۆكۈچ رەڭدە بولغاندا، بۇ سۇ قۇۋۋەتسىز سۇ ھېسابلىنىدۇ، سۇنىڭ رەڭگى قارىداپ بەتبۇي پۇراق پەيدا بولسا، بۇ سېسىغان سۇ بولۇپ، پاقا بېقىپ كۆپەيتىشكە باب كەلمەيدۇ، بۇنداق سۇنى دەرھال يېڭى سۇغا يەڭگۈشلەش كېرەك. گۆشلۈك پاقا قىشتا ئۈچەككە كىرىدۇ، كېلەر يىلى3 - ئايغىچە بولغان3 −4 ئاي ئىچىدە بىرنەرسە يېمەيدۇ، ھەرىكەتمۇ قىلمايدۇ، شۇڭا، ئۈچەككە كىرىشتىن ئىلگىرى يېتەرلىك ئوزۇقلاندۇرۇپ، تېنىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق جۇغلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈچەك مەزگىلىدىكى ماددا ئالمىشىش ئېھتىياجىنى قامداش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
گۆشلۈك پاقا | UyghurWiki | UyghurWiki