چىملىق موگۇسى
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
چىملىق موگۇسى ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى قۇرۇتقاندا قويۇق خۇش پۇراق بولغاچقا، لەنخۇا موگۇسى دېگەن چىرايلىق نامى بار. چىملىق موگۇسىنىڭ ئېتى قېلىن، يۇمشاق، تەملىك بولۇپ، تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، كىشىلەر ئۇنى «ئۆسۈملۈك توخۇ گۆشى» دەپ ئاتايدۇ. چىملىق موگۇسىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەلگىلىك داۋالاش قىممىتىمۇ بار، ئۇ يۇقىرى قان بېسىمى، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارغا بىرقەدەر ياخشى شىپا بولىدۇ.
چىملىق موگۇسى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىنتايىن تېز بولغان چىرىندىخور زەمبۇرۇغقا تەۋە. مۇۋاپىق شارائىتتا ئوزۇقلۇق خۇرۇچى ئەملىنىپ،7 −14 كۈنگىچە يۇمران موگۇ غۇنچىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ. تېرىشتىن تارتىپ پىشقىچە15 −20 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. مۇشۇنداق قىسقا ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى ئىچىدە ئۇنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەشكە، ئۇنى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك تاشقى شارائىتلار بىلەن تولۇق تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلىرى چىملىق موگۇسى ئۆستۈرۈشتە200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئەنئەنىۋى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا شال پاخىلى خام ماتېرىيال قىلىنىپ، ئېتىزدىكى ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈلەتتى، موگۇنىڭ چىقىشى ئاستا، مەھسۇلاتى تۇراقسىز ئىدى. ھازىر، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى كېرەكسىز ماتېرىياللار، مەسىلەن، چىگىت قاسىرىقى، كېرەكسىز پاختا تىۋىتى، شېكەر قومۇشى تىرىپى، بۇغداي سامىنى، چاي يوپۇرمىقى، بانان يوپۇرمىقى ۋە ھەرە كېپىكى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈش خۇرۇچى قىلىنىپ، موگۇ ئۆستۈرۈش ئۆيىدە ئۆستۈرۈلىدىغان بولدى. بۇنداق بولغاندا، تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە ھاۋا ئالمىشىش شارائىتىنى سۈنئىي كونترول قىلغىلى بولغاچقا، تاشقى تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەپچىقارغىلى، ئەسلىدە بار بولغان ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بىلەن يەر تالاشمايدۇ.
چىملىق موگۇسىنىڭ ئۆسۈشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئادەتتە تېرىلىپ1 −2 ھەپتە ئىچىدىلا گۈرۈچتەك چوڭلۇقتىكى ئاق موگۇ غۇنچىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ،3 −4 كۈندىن كېيىن تۇخۇم چوڭلۇقىدا موگۇ تېنى يېتىلىدۇ. بۇ چاغدا يىغىۋالسا سۈپىتى ياخشى، تەملىك، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ.