UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىيامغۇر ھۆلچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش

يامغۇر ھۆلچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى بىر رايوندا يامغۇرنىڭ يېغىشى زىيادە كۆپ، زىيادە مەركەزلەشكەن بولسا، يامغۇر ھۆلچىلىكى ئاپىتى كېلىپ چىقىدۇ. ئېلىمىز مۇسسۇن كىلىماتىغا تەۋە بولغاچقا، يامغۇر بەلۋېغىنىڭ جەنۇب، شىمالغا سۈرۈلۈشىدە روشەن پەسىل ئۆزگىرىشى بار. جەنۇب، شىمال ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئوخشاش بولۇپ، يامغۇر بەلۋېغى مەلۇم جايدا ئۇزاق مۇددەت توختاپ قالسا يامغۇر ھۆلچىلىكى ھاۋا رايى شەكىللىنىدۇ. مۇسسۇن شامىلىنىڭ كۈچى كۈچلۈك بولغاندا شىمالغا سۈرۈلىدىغان ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلۈپ، ئاسانلا ئەتىيازدىكى ھۆلچىلىك ۋە يازدىكى ھۆلچىلىك پەيدا بولىدۇ. كۈز پەسلى، ياز پەسلى شامىلىنىڭ جەنۇبقا چېكىنىشى كېيىنرەك بولغاندا، يامغۇر بەلۋېغى خۇاڭخەي دەرياسى ئەتراپىدا توختاپ، ئۈزۈلمەي كۈز يامغۇرى ياغىدۇ. تەيفېڭ بورىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە ئۇچراپ قالغاندىمۇ، ئالاھىدە زور قارا يامغۇر يېغىپ كەلكۈن ئاپىتى پەيدا بولىدۇ، ئەلۋەتتە يامغۇر ھۆلچىلىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئېتىز-ئېرىقلارنى سۇ بېسىپ كېتىش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى نابۇت قىلىشلا بولۇپلا قالماستىن، يامغۇر ھۆلچىلىكى تۈپەيلىدىن ھاۋا رايىدا پەيدا بولغان ھاۋادىكى زىيادە نەملىك زىرائەتنىڭ چېچەكلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، چاڭلىشىشى، مېۋە بېرىشى ۋە دېنىنىڭ پىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزىدە ھەتتا پىشقان، ئەمما يىغىۋېلىنمىغان دانلار زىرائەت تۈپىدىلا بىخلىنىپ كېتىدۇ ياكى كۆكىرىپ كېتىدۇ، ياز، كۈز پەسلى ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بالدۇر-كېيىن پىشىدىغان زىرائەتلەر جىنسلىق ئۆسۈش مەزگىلىگە كىرىپ، مەھسۇلات شەكىللەندۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيت، بۇ چاغدا ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بەرسە زىيان ئەڭ زور بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يامغۇر ھۆلچىلىكى ھاۋا رايى يېزا ئىگىلىكىدە نۇرغۇن كېسەللىك ھاشاراتلىرىنىڭ زىيىنىنى پەيدا قىلىدۇ - دە، ئاپەت ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. ئېلىمىزدە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى206 - يىلىدىن مىلادىيە1949 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا1029 قېتىمدىن كۆپرەك بىرقەدەر زور يامغۇر مۆلچىلىكى ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. يامغۇر ھۆلچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىمۇ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا ئوخشاشلا مۇھىمى ياخشى سۇ چىقىرىش، سۇغىرىش ئىنشائاتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ، سۇ ئىنشائاتىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆلچىلىك بولسا چىقىرىپ تاشلىيالايدىغان، قۇرغاقچىلىق بولسا سۇغۇرالايدىغان شارائىت يارىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ ئامبىرى ۋە توسما ياساش ھەمدە ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قوللىنىش، ھاۋا رايىدىن توغرا مەلۇمات بېرىش قاتارلىقلارمو يامغۇر ھۆلچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ۋاسىتە.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يامغۇر ھۆلچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki