UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىلىنتىنوس موگۇسى

لىنتىنوس موگۇسى

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى لىنتىنوس موگۇسى قىشلىق موگۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئېتى يۇمشاق، تەملىك بولۇپ، يېمەكلىك قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغلار ئىچىدىكى ئېسىل مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ100 خىلغا يېقىن داڭلىق قورۇمىلىرىنىڭ خۇرۇچى لىنتىنوس موگۇسىدىن ئايرىلالمايدۇ، بولۇپمۇ چەت ئەللەردىكى جۇڭگو رېستورانلىرى لىنتىنوس موگۇسىنى كەم بولسا بولمايدىغان قوشۇمچە ماتېرىيال قاتارىغا تىزىدۇ. لىنتىنوس موگۇسىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولۇپ، ئاقسىل مىقدارى ئادەتتىكى مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭكى نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. لىنتىنوس موگۇسىنى ئىستېمال قىلغاندا زۇكامنىڭ، جىگەر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئۇنىڭدىن باشقا قاندىكى زەھەرنى تازىلىغىلى، خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى، بالىلار راخت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يەنە لىنتىنوس موگۇسى تەركىبىدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدىغان ماددا بارلىقىنى، ئۇنىڭ بەلگىلىك راكقا قارشى تۇرۇش رولى بارلىقىنى بايقىدى، شۇڭا ئۇنىڭ قىممىتى بارغانسېرى ئاشماقتا. لىنتىنوس موگۇسىنىڭ ھاياتىمۇ سپورانىڭ بىخلىنىشىدىن باشلىنىپ، ئاق رەڭدىكى تىۋىتسىمان زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ئۆسۈپ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى خالتىلىق سپورا تېنى بولۇپ يېتىلىپ، خالتىلىق سپورا پىشقاندىن كېيىن يەنە سپورا ھاسىل قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. تەبىئىي شارائىتتا، لىنتىنوس موگۇسىنىڭ بىر ئەۋلادى ئۈچۈن8 −12 ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرگەندە ۋاقتىنى3 −4 ئايغىچە قىسقارتقىلى بولىدۇ. ئېلىمىز700 يىلدىن ئارتۇق لىنتىنوس موگۇسى ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە، ئېلىمىز دۇنيا بويىچە بۇ خىل موگۇنى ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرگەن دۆلەت. ئەڭ دەسلەپ ئۆستۈرگەندە تومۇنە يوپۇرماقلىق دۇب، نەيزىسىمان دۇب قاتارلىق دەرەخلەرنى ھەرىلەپ پارچىلاپ، تارقاقلاشتۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ، لىنتىنوس موگۇسى سپورىسىنى تەبىئىي ئەملەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، بۇنىڭدا مەھسۇلات تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئورماننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىمۇ زور بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر لىنتىنوس موگۇسىدىكى ساپ زەمبۇرۇغ تۈرىنى ئايرىپ چىقىپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئەملىدى، بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى روشەن بولدى ھەمدە ئورۇنباسار زەمبۇرۇغ پارچىسى ئارقىلىق ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىرى بايلىقى يوق جايلار، ھەتتا شەھەر - بازارلاردىكى ئاھالىلەرمۇ لىنتىنوس موگۇسىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. لىنتىنوس موگۇسىنىڭ ئورۇنباسار زەمبۇرۇغ پارچىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى ھەرە كېپىكى، شېكەر قومۇشى تىرىپى، كۆممىقوناق مەدىكى، ئاق قوناق غولى قاتارلىق كۆپ خىل كېرەكسىز ماتېرىياللار خام ئەشيا قىلىنىپ، بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ،، سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ، چىڭ بېسىلىپ، ياغاچ پارچىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. خالتىغا ئەملەش تۆشۈكى ئېچىلىپ، زەمبۇرۇغ ئۇرۇقى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۆستۈرۈش ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ، مۇئەييەن تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك شارائىتىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. تەخمىنەن ئۈچ ئايدا تەدرىجىي يېتىلىپ، لىنتىنوس موگۇسىغا ئايلىنىدۇ. ھەر پارچە زەمبۇرۇغ پارچىسىدىن5 −7 قېتىمغىچە، ھەر پارچىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن5 .1 كىلوگرامدىن يېڭى لىنتىنوس موگۇسى يىغىۋالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى